2009年5月7日星期四

Din we dunya (4)



دىنىمىزدا تەن-ساغلاملىقنىڭ ئەھمىيىتى


(29-04-2009)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:
دىنىمىز ئىنساننىڭ ھەم خاراكتېر ساغلاملىقىغا، ھەم بەدەن ساغلاملىقىغا يوقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ھاياتنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى كۆتۈرەلەيدىغان ۋە مۇشكۇلاتلىرىغا سەۋر قىلالايدىغان بولۇش ئۈچۈن، ئىنساننىڭ ئالدى بىلەن ساغلام بىر قورۇلمىغا ئېھتىياجى بار.

ساغلام ئىنسان، كۈچلۈك ئىنسان دېمەكتۇر.
كۈچلۈك مۆمىننىڭ ئاجىز مۆمىندىن ياخشى ئىكەنلىكىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدىن كۆرىۋالالايمىز:
«ھەممىسى خەيرلىك بولۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كۈچلۈك مۆمىن، ئاجىز مۆمىنگە قارىغاندا، خەيرلىكرەك ۋە سۆيۈملۈكرەكتۇر.»
(تاللانغان ھەدىسلەر، 2-جىلد، 183-بەت، 85-نومۇرلۇق ھەدىس.)

ئىنساننىڭ توغرا، ياخشى ۋە گۈزەل ئىشلارنى ئىزچىل قىلالىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ساغلام بولۇشى كېرەك.
مانا بۇ نوقتىدىن، ساغلام بولۇش، ئەينى زاماندا ئەخلاقىي ۋە بۇ سەۋەپلىك ئىنسانىي مەجبۇرىيەتتۇر.
چۈنكى سالامەتلىكى ناچار بىر كىشى، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلالمايلا قالماستىن، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگىمۇ يۈك بولۇپ قالىدۇ.

ئىسلام دىنى، ھەر قانداق بىر كېسەللىككە دۇچار بولغاندا، قىلىنىشى كېرەك بولغان بىرىنچى ئىشنىڭ داۋالاشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە خۇراپاتلىقلارغا ئېسىلىش ئارقىلىق داۋا ئىزدەشنى چەكلەيدۇ.
باشقا ھەر قانداق مەسىلىدىكىگە ئوخشاشلا، ساغلاملىق-سالامەتلىك مەسىلىسىدىمۇ، ئىشنىڭ ئەھلىگە بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
كېسەل بولغان ھامان داۋالاش يوللىرىنى ئىزدەش لازىم،
چۈنكى ئىسلام ئېتىقادىدا شىپاسى تېپىلمايدىغان كېسەل يوقتۇر.
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ:
«جانابى ئاللاھ، ياراتقان ھەر قانداق دەردنىڭ شىپاسىنىمۇ ياراتقان.»
(تەجرىد، 3-جىلد، 75-بەت.: 1920-نومۇرلۇق ھەدىس)

داۋاسى تېپىلمايدىغان كېسەللىكنىڭ يوقلىقى چۈشەنچىسى، ناھايىتى مۇھىم بىر ئاساستۇر؛
بۇ چۈشەنچە، كېسەللىككە دۇچار بولغان كىشىنى ئۈمىدسىزلىككە دۇچار بولۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ، دۇچار بولغان كېسەللىكتىن قۇتۇلۇش ئۈمىدى بېغىشلايدۇ.
مانا بۇ، مەسىلىنىڭ شەخسكە مۇناسىۋەتلىك تەرىپىدۇر.
ئەمما، تېخىمۇ مۇھىم بولغان ئىككىنچى بىر تەرىپى بولسا، ئىلمىيلىككە ئۇيغۇن بولۇشىدۇر:
«شىپاسىز كېسەللىك يوق» پرىنسىپى ئىلىم ئەھلىلىرىگە جاسارەت بېغىشلايدۇ.
بۇ پرىنسىپ، ئىلىم ئەھلىنى يالغۇز ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپلا قالماي، بۇ ئىشنىڭ يەنە، بىر دىنىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.

داۋالىنىش ياكى داۋالانماسلىق توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ قارىشىنى سورىغان كىشىلەر بىلەن پەيغەمبىرىمىز ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنۇ دىئالوگقا نەزەر سېلىپ ئۆتەيلى:
«داۋالىنايلىمۇ؟ دەپ سورىغان قىر ئەرەبلىرىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ‹شۇنداق، داۋالىنىڭلار. چۈنكى ئاللاھ، شىپالىق بەرمەيدىغان ھېچقانداق كېسەلنى ياراتمىغاندۇر. شىپاسى تېپىلمايدىغان بىرلا كېسەللىك باردۇر، ئو بولسىمۇ قېرىلىقتۇر.›»
(ئەخلاق ھەدىسلىرى، 1-جىلد، 305-بەت. 291-نومۇرلۇق ھەدىس.)

كېسەللىككە دۇچار بولۇپ قالغاندا، داۋالىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ھەممە ئىشنى قىلىش، ھەم ئەقىلنىڭ ھەمدە دىنىمىزنىڭ تەقەززاسىدۇر.
ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ كېسەل بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھازىرلاشقا تېگىشلىك بارلىق تەدبىرلەرنى ئالدىن ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئىنساننىڭ ئەقلى، روھىي ۋە بەدەن ئىقتىدارلىرىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان ھەر تۈرلۈك زەھەرلىك چېكىملىك ۋە مەست قىلغۇچى ماددىلارنى چەكلەيدۇ. يوقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ئۇزاق تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. تازىلىققا ھەر قانداق نەرسىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئىسلام دىنى، ئىنساندىن سالامەتلىكىنىڭ ھېمايە قىلىنىشى ئۈچۈن، ئېلىشقا تېگىشلىك ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئالدىن ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز: «ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى، ئىككى نېمەتنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي مەنىدە چۈشىنىشتە خاتالىشىدۇ. بۇلار سالامەتلىك ۋە بوش ۋاقىتتۇر.» دەيدۇ.

ئىنساننىڭ سالامەتلىكىنى ئاسرىشى، ئۆزى ئۈچۈن ئادا قىلىشى كېرەك بولغان ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلالىشى ئۈچۈن، ئىنساننىڭ قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى مۇنۇ نوقتىلارغا يېغىنچاقلىشىمىز مۇمكىن:
تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش،
مەست قىلغۇچى نەرسىلەر ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن يىراق تۇرۇش،
يوقۇملۇق كېسەللىكلەردىن قېچىش ۋە دىن تەرىپىدىن ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىش.

قۇرئانى كەرىمدە پاكىز ئىنسانلار ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«ئۇ يەردە پاك بولۇشنى خالايدىغان كىشىلەر باردۇر. ئاللاھمۇ پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.»
پاكىزلىق، ھەر خىل كىر ۋە مەينەتلىكلەردىن پاكلىنىش، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
كىر ياكى مەينەت نەرسىلەر يا ماددىي ياكى مەنىۋىي بولىدۇ.

ماددىي كىر ياكى مەينەتچىلىكنىڭ دائىرىسىگە، كۈندىلىك ھاياتىمىزدا بەدىنىمىزنى، كېيىم-كىچەكلىرىمىزنى، ئۆيىمىزنى ۋە ماددىي مۇھىتىمىزنى بولغايدىغان پۈتۈن نەرسىلەر كىرىدۇ.
ئۇمۇملاشقان مەنىسىدە مەنىۋىي كىر ياكى پاسكىنىلىق، ئىنساننىڭ ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكلەرنىڭ ئورنىغا يامانلىقلارنى ئويلىشى، ئەيىپ، گۇناھ ۋە رەزىل ئىشلارغا يۈزلىنىشىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ.
كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش، يالغان ئېيتىش، تۆھمەت چاپلاش، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشقا ئوخشىغان كۆپلىگەن ناچار خۇيلارنىڭ ھەممىسى، مەنىۋىي كىر ياكى مەينەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

بىز يوقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتى كەرىمىدە، ئاللاھنىڭ دوست تۇتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن پاك كىشىلەر، ھەم ماددىي ھەم مەنىۋىي كىرلاردىن پاك كىشىلەردۇر.
بۇ ھەقتىكى يەنە بىر ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداقتۇر:
«ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھدىن) پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى دىنىي ئەھكاملارنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.»
(بەقەرە سۈرىسى، 151-ئايەت)

ئىسلام دىنى پاكىزلىقنى بىر مەنىدە سالامەتلىكنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان شەرتى، دەپ قارايدۇ.
شۇڭا، پاكىزلىق بىلەن ئىبادەت ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ،
پاكىزلىقنى گويا بىر ئىبادەت شەكلىگە ئېگە قىلىدۇ.
شۇبھىسىزكى ئىسلام دىنى پاكىزلىققا پەقەت مۇئەييەن ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش قويۇلغان بىر ئالدىنقى شەرت، دەپ قارىمايدۇ.

دىنىمىزنىڭ پاكىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلىق پرىنسىپلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە بايان قىلىپ تۆگىتىش مۇمكىن ئەمەس.
لېكىن، دىنىمىزنىڭ پاكىزلىق مەسىلىسىدىكى قارىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۆۋەندە بايان قىلىدىغان ھەدىسى شەرىپنىڭ ئۆزىنىلا يېتەرلىك، دەپ قارايمىز.
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر› دېگەن.»
(ياخشىلارنىڭ باغچىسى، 25 – نومۇرلۇق ھەدىس)

پەيغەمبىرىمىز بۇ ھەدىسى بىلەن، ئىنساننىڭ پاكىزلىقى بىلەن ئىمانى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلىتىپ بېرىدۇ.
بۇ، شۇنى كۆرىسىتىپ بېرىدۇكى، ئىمان ئېيتقان كىشى، يالغۇز بىر قاتار پرىنسىپلارغا ئىشەنگەنلىكىنى ئېيتىپلا بولدى قىلمايدۇ؛ مۇئەييەن ئىبادەتلەرنى شەخسى نوقتىدىن ئادا قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ.
ئەكسىچە ئىمان ئېيتقان كىشىنىڭ ئىمانى ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئەكس ئېتىدۇ ۋە نەتىجىدە ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن پاك-پاكىز بىر كۆرۈنۈش بېغىشلايدۇ.

«پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېگەن ھەدىسى، ئىسلامنىڭ ئىمان چۈشەنچىسىنىڭ قانچىلىك دىنامىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش نوقتىسىدىنمۇ مۇھىم.
بۇ يەنە، ئىنساننىڭ ھاياتىنى شەكىللەندۈرەلمىگەن، يۇرۇش-تۇرۇشىنى تەرتىپكە سالالمىغان بىر ئىماننىڭ، ئىسلام تەلەپ قىلغان دەرىجىدىكى ئىمان ئەمەسلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شۇڭا ئىسلامنىڭ ئىمانىغا ساھىب بولغان كىشى، ھەممە نەرسىدىن بۇرۇن سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بىرىدۇ، ھالال ۋە ھارام بەلگۈلىمىلىرىگە ناھايىتى يوقىرى دەرىجىدە بويسۇنىدۇ.

**********************

تولۇق ئوقۇش

Türkiye penjirisidin ottura sherqqe nezer



تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر


ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ئەلچىسى جورچ مىتچېلنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى توغرىسىدا


(04-05-2009)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:
ئوتتۇرا شەرقتە يەنە قويۇق دىپلوماتىيە قاتنىشى داۋاملاشماقتا.
بۇ دىپلوماتىيە قاتنىشىنىڭ باش رولچىسى بولسا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ئەلچىسى جورج مىتچېل بولۇپ، جورچ مىتچېلنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىن باشلىنىپ، پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگىچە سوزۇلغان بۇ قېتىملىق زىيارىتى، ئوتتۇرا شەرقتە دىموكىراتىكلىشىش مەسىلىسىدىن پەلەستىن مەسىلىسىگە، لىۋاندىكى سايلاملاردىن ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيە پىلانىغىچە بولغان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى مەقسەت قىلاتتى.
بۇ سەۋەپلىك بۇ ھەپتىلىك پروگراممىمىزنى مىتچېلنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە ئوتتۇرا شەرقتە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرگە ئايرىدۇق.

..................................

مىتچېلنىڭ زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى شىمالىي ئافرىقا بولدى.
شىمالىي ئافرىقىدا فاس ۋە ئالجىرىيىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكىلىق ئەمەلدار، بۇ رايونلاردا مەركەزلىك ھالدا دىموكىراتىكلىشىشنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
ۋەزىپىگە تەيىنلەنگىنىدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق رايونىنى ئۈچىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان مىتچېلنىڭ زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسى ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن بولدى.
ئامېرىكىلىق ۋەكىلنىڭ زىيارەت پىلانىغا سۈرىيىنى كىرگۈزمەسلىكىمۇ رايوندا كۆپلىگەن سوئال بەلگىلىرىنى پەيدا قىلدى.
ئوباما پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، دەمەشق بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىللىق ھاۋاغا قارىماي، مىتچېلنىڭ زىيارەت پىلانىغا سۈرىيىنى كىرگۈزمەسلىكىنى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قەدەر تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى، دەپ قاراش مۇمكىن.

نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ تۇنجى قېتىملىق زىيارەت ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ناھايىتى ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.
مىتچېل زىيارىتىنىڭ ئىسرائىلىيە قىسمىدا، پرېزىدېنت پېرېس، باش مىنىستىر نېتانياھۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىئېبېرمان، باش قوماندان گابى ئەشكانازى ۋە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى ترىپى لىۋنى بىلەن ئۇچراشتى.
مىتچېل-نېتانياھۇ ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا چىققان كۆرۈنۈش تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىجابىي نەتىجە بېرىدىغان بىر باسقۇچقا كىرىشىنىڭ قېيىنلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.
نېتانياھۇ، ئۇچرىشىشلار باشلىماستىن بۇرۇن پەلەستىن تەرەپنىڭ ئىسرائىلىيىنى بىر يەھۇدى دۆلىتى، دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھالبۇكى بۇ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدىكى ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان كۆچمەنلەر مەسىلىسى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ھالقىلىق بىر مەسىلە.
نېتانياھۇ تىلغا ئالغان بۇ مەسىلە، 1948-يىلىدىن بۇيان ئۇرۇشلار ۋە توقۇنۇشلار تۈپەيلى مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەن ياكى ئۆيلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشلىرىنىڭ ئالدىدىكى ناھايىتى مۇھىم توسالغۇ پەيدا قىلماقتا.
دەرۋەقە بۇ مەسىلە، پەلەستىن تەرەپ ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
ئۇچرىشىشلار باشلاشتىن بۇرۇن پەلەستىنلىكلەرنى بۇ شەكىلدە بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلاش تىنچلىق ھەرىكىتى مۇزاكىرىلىرىنى باشلىماي تۇرۇپلا ئاخىرلاشتۇرۇش، دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.
مىتچېل زىيارىتى ئەسناسىدا كۆرۈشكەن «ئىسرائىلىيىنىڭ بۈركۈتى» دەپ قارىلىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىئېبېرمانمۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ پاتقاققا پېتىپ قالغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە بەك ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ يېڭى بىر نوقتىئىينەزەر ئاستىدا باشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان لىئېبېرمان، بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ يول قويغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلىيىنىڭ كۆپ نەرسىلەرنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىككى مىنىستىرىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى پەلەستىنلىكلەرنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

مىتچېلنىڭ ئىسرائىلىيىدىن كېيىنكى بېكىتى بولغان پەلەستىندە، ھاماسقا قارشى تۇتۇلغان پوزىتسىيىلەرگە ئوخشاشلا، تىنچلىق ھەرىكىتىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىگەن يېڭى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ يالغۇزلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
لېكىن بۇ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىدىغان بىر خىل تەلەپتەك قىلمايدۇ.
شۇڭا، ئىسرائىلىيىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بەزى تالاش-تارتىشلارنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.
مىتچېل ۋە پەلەستىن تەرەپ ئىزچىل ھالدا ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىدە يارىشىشنىڭ ئاساسىي يولىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك بىر خىل ھەل قىلىش چارىسىنى بېسىپ ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرۈشسىمۇ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلار ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭمۇ ئەمدى ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى، ھەم ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لېئېبېرماننىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى، دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشلىرى بولدى.
ئەسلىدە ئۇچرىشىشلار ئەسناسىدا ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجىلەرنىڭ بىرى، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى سىياسىتىنى تېخىغىچە مۇئەييەنلەشتۈرمىگەنلىكىدۇر.
ئوخشاش بولمىغان ئىدىئولوگىيىلىك قورۇلمىلارغا ئىگە ۋە پەرقلىق قاراشلارغا ئىگە بولغان پارتىيىلەردىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بالدۇرراق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ ماي ئېيىدا ئېلىپ بارىدىغان ئامېرىكا زىيارىتىدىن بۇرۇن ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسەت پرىنسىپلىرىنىڭ مۇئەييەنلىشىپ بولىدىغانلىقى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئېغىر دەرىجىدە بىر ئوقۇشماسلىقنىڭ مەيدانغا كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

...................................

مىتچېل زىيارىتىنى پەلەستىندىن كېيىن مىسىر ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن داۋاملاشتۇردى.
مىتچېلنىڭ مىسىر ۋە ئىران زىيارىتى بولسا، ئاساسلىقى ئەرەب دۇنياسىدا كۈچلىنىپ بېرىۋاتقان ئىران تەھدىتى قارىشى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ سايىسىدا ئۆتتى.
ئەرەب دۆلەتلىرى، بىر تەرەپتىن، مىتچېلگە ئەرەب تىنچلىق پىلانىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى پائالىيەتلىرىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
لېكىن، بۇ ئۇچرىشىشلاردىن ئېنىق بىر نەتىجە چىقمىدى.
مىتچېلنىڭ زىيارىتى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ بولمىغاندىمۇ بۇش ھۆكۈمىتىچىلىك ئوتتۇرا شەرققە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
لېكىن، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇسلۇبىدا بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا دىپلوماتىيە بەكرەك ئېغىر باستى.
شۇڭا، مىتچېلنىڭ رايوننى پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىغا نورمال بىر ئىش سۈپىتىدە قاراش كېرەك.

*****************************

تولۇق ئوقۇش

Xelq'araliq irqiy kemsitishke qarshi türüsh yighini



خەلقئارالىق ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۈرۈش يىغىنى


(01-05-2009)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:
شىۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2009-يىلى 20-ئاپرېلدىن 21-ئاپرېلغىچە 185 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن خەلقئارالىق ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۈرۈش يىغىنى چاقىرىلدى.
مەزكۇر يىغىندا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تاقابىل تۇرۇش يوللىرى ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

تۆۋەندە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش پاكولتىتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور ھەيدەر چاقماقنىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز:

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، كانادا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئاۋىستىرالىيە، گوللاندىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىشتىراك قىلمىدى.
يىغىنغا قاتناشقان كۆپ قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ خىلدىكى يىغىنلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە ئوچۇق-ئاشكارا ھاقارەت قىلىش سورۇنى قىلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىندىن مەمنۇن بولمىغانلىقلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.
بىئارام بولغانلارنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلىيە ئەڭ باشتا كېلەتتى.
ئىسرائىلىيە رادىكال ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت بولغان بايانلىرىدىن ئىنتايىن بىئارام بولدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئىران جۇمھۇر رەئىسى مەھمۇد ئەھمەدى نىجاد، ئىسرائىلىيىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن چىقىرىپ تاشلاش كېرەكلىكىنى ۋە ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۆلۈم لاگېرلىرىنىڭ بىر ئەپسانە ئىكەنلىكىنى دېگەن.
ئىسرائىلىيە بۇ يىغىنغا ئۆزى قاتناشمىغان ھەم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى كۈچلۈك لوبىلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قاتناشماسلىققا قايىل قىلغان ئىدى.
ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن بىئارام بولغان ۋە بۇ ئىشنى دەرھال دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈپ بولغان.
ئىسرائىلىيە خەلقئارالىق يىغىنلارغا ھەمىشە ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە، ھەمدە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىپ كېلىۋاتىدۇ.
لېكىن بىر نەچچىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا،
2001-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا بىرىنچى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يىغىنىدا كۆپ ساندىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

.............

دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ھېساپ سورىغانلىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغىنىمىزدا، يىغىندا شۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلار تىلغا ئېلىندى.
ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش، چەتئەللىكلەرگە دۇشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراش، جىنسىيەت تەڭسىزلىكى، بىر-بىرىگە قوپال مۇئامىلە قىلىش، كۆچمەن ئىشچىلار ۋە يېڭىدىن ئەۋج ئالغان قۇللۇق قاتارلىق تېمىلار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى تەشكىل قىلدى.
ئافرىقا، يىراق ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا ۋە بالقان رايونى قاتارلىق دۆلەتلەردىن غەرب دۆلەتلىرىگە ئىشلەش ئۈچۈن كەلگەن ئىنسانلار غەرب دۆلەتلىرىدە قانۇنسىز، ھېچقانداق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سۇغۇرتىسى بولمىغان ئىشلاردا يېڭى بىر قۇللۇق تۈزۈمى ئاستىدا خىزمەتكە سېلىنماقتا.
بۇ ئىشنىڭ ھەيران قالارلىق تەرىپى شۇكى، غەربلىك خوجايىنلار بۇ ئەھۋالنى يوشۇرماستىن، كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇنداق ئىشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەرزان ئەمگەك رېقابەت كۈچلىرىنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا.

سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان ئېتنىك توقۇنۇشلار قىرغىنچىلىققا قەدەر تەرەققىي قىلدى.
مەسىلەن، بالقانلار يۇگۇسلاۋىيە يىمىرىلىش جەريانىدا بۇ خىل ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.
ئوخشاش بىر دۆلەتنىڭ 50 يىل ئورتاق پۇقراسى بولۇپ ياشىغان ئىنسانلار بىر-بىرىلىرىنى ۋەھشىلەرچە ئوققا تۇتتى.
غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلىشىدە چىڭ تۇرىۋالغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمونغا خېلىلا ئاچچىقى بار.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ قېتىمقى يىغىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن چاقىرىلغانلىقى ئۈچۈن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى رەت قىلىشى ھوقۇقىنى ئىشلىتەلمىگەن.

شەرق مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىدە ئىرقىي ئايرىمچىلىق چۈشەنچىسى ياكى ئەھۋالى ئۇ قەدەر ئومۇملاشمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەڭ ئۈستۈن ۋە تاللانغان قەۋم چۈشەنچىسىمۇ ئومۇملىشىپ كەتمىگەن.
غەربلىكلەردە بولسا 17-ئەسىردىن ئېتىبارەن مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەتلەردە مۇستەملىكە خەلقىدىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن بىر مىللەت، دەپ قارايدىغان قاراشلار ۋە ئەنئەنىلەر كەڭ ئومۇمىلاشقان.
1960-يىللاردىن كېيىن، بۇرۇنقى مۇستەملىكە دۆلەتلىرىدىن سانائەتتە ئىشقا سېلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن كۆچمەن ئىشچى ئېلىپ كېلىپ، ئۈستۈن ئىرق بولۇش پىسخىكىسىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى.
ئېزىلگەن، خورلانغان ۋە ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلىنغان ئىنسانلارنىڭ دۆلەتلىرى، خەلقئارالىق يىغىن ۋاستىسى ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى غەرب دۆلەتلىرىگە دادىللىق بىلەن يەتكۈزمەكتە.
لېكىن بۇ دادىللىق بىلەن ئېلىنغان قەدەملەر غەرب دۆلەتلىرىنى تولىمۇ بىئارام قىلىپ كەلمەكتە.

****************************

تولۇق ئوقۇش

2009年5月6日星期三

In'gilizlarning iraq ishghaliyiti axirlishamdu?



ئىنگىلىزلارنىڭ ئىراق ئىشغالىيىتى ئاخىرلىشامدۇ؟


(05-05-2009)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا ئىراقنى ئىشغال قىلىۋالغان ئەنگلىيە 1959-يىلى ماي ئېيىدا ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈش ئارقىلىق قىرىق يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئىشغالىيەتتىن كېيىن، ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.
ئەنگلىيە، تۈركلەرگە قارشى ئەرەبلەر ۋە ئىراق كۇرت(كورد)لىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، مۇسۇل ۋە كەركۈك ۋىلايەتلىرىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قولىدىن مەجبۇرى تارتىۋېلىنىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.
ئىراقنىڭ چېگرىلىرىنى، بايرىقىنى، ئېتنىك تۈزۈلمىسىنى ۋە سىياسىي سىستېمىسىنى ئەنگلىيە بىۋاسىتە ئۆزى بېكىتىپ چىققان ئىدى.
تۈركلەرنىڭ قولىغا نېفىت بار رايونلارنىڭ ئۆتۈپ كەتمەسلىكىنى كۆزلەيدىغان ئەنگىلىيىنىڭ مەقسىتى مۇسۇل ۋە كەركۈكنى يېڭىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلىدىغان ئاجىز بىر ئىراققا قالدۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت ئىدى.

تۆۋەندە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش پاكولتېتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور ھەيدەر چاقماقنىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز:

..........................
ئەنگلىيە ئەينى ۋاقىتتا كۇرتلەرنىڭ دۆلىتىنى ئاسانلا قۇرۇپ چىقالايتتى، لېكىن كەلگۈسى بىر چاغلاردا كۇرتلەردىن پايدىلىنىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، كۇرت دۆلىتىنى قۇرمىدى.
شىئە، سۈننى، كۇرت، تۈركمەن ۋە باشقا ئاز سانلىقلاردىن تەركىپ تاپقان كۆپ قاتلاملىق، چىگىش مەسىلىلىرى ناھايىتى كۆپ بىر دۆلەت قۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىگە ئىزچىل ھالدا ئېھتىياجى چۈشۈپ تۇرىدىغان بىر ئىراق قۇرۇپ چىققان ئەنگلىيە، 1958-يىلى مەيدانغا كەلگەن مىللەتچى ھەربىي ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسىدە 1959-يىلى ئىراقنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى.
2003-يىلى مارت ئېيىدا ئەنگلىيە ئىراققا قايتىپ كەلدى.
1918-يىلقىغا ئوخشاشلا يەنە بەسرە پورتى ۋە رايونىنى ئىشغال قىلدى.
2003-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە داۋاملاشقان ئىنگىلىزلارنىڭ ئىراق ئىشغالىيىتى 2009-يىلى ئاپرىل ئېيىدا ئاخىرلاشتى.
بۇ جەرياندا 179 نەپەر ئەنگلىيىلىك ۋە 55 نەپەر ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان 5000 مىڭغا يېقىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە مىڭلىغان ياردارلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، تولىمۇ ئاز بىر سان ھېسابلىنىدۇ.
ئىراق تەرەپتىن ئۆلۈپ كەتكەن مىڭلىغان كىشىلەرنى ئېتىبارغا ئالغىنىمىزدا، بۇ ساننىڭ تولىمۇ ئاز بىر سان ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئەسلىدە ئىنگىلىزلارنىڭ ئىراقتىكى ئەسكىرى مەۋجۇتلۇقى بىز ئويلىغاندەك تامامەن ئاخىرلاشقىنى يوق.
نۆۋەتتە، ئىراقتا 500 گە يېقىن ئىنگىلىز ئەسكىرى بار.
ئەنگلىيە ئىراقتىكى مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئەتراپلىق بىر كېلىشىم تۈزدى.
نېفىت، گاز ۋە مۇداپىئىگە كېرەكلىك ئەشيالارنى ۋە قورال-ياراغلىرىنىڭ سېتىۋېلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋالدى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشىدىكى
بىرىنچى سەۋەب: ئەنگلىيە ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىشى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئامېرىكا ئىقتىسادى بىلەن بولغان يېقىن ھەمكارلىقى ۋە ئەنگىلىيىنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سىياسەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى.
ئىككىنچى سەۋەب: ئىچكىي-تاشقىي جامائەتچىلىكنىڭ ئىراقنىڭ ئىشغالىيىتىگە تېخىمۇ بەكرەك نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىشى، بولۇپمۇ ئەرەب خەلقىنىڭ بىئاراملىقى.
ئۈچىنچى سەۋەب بولسا: ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن مەقسەتلىرىگە يەتكەن بولۇشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئىراقتا قانچىلىق پۇل سەرپ قىلغانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئورتاقلاشسىمۇ، ئىراقنىڭ قانچىلىق نېفىت ۋە گازىنى ئېلىپ كەتكەنلىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمەيۋاتىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن چەتئەل ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى خوشاللىنارلىق بىر ھادىسە، ئەلۋەتتە.

**************************

تولۇق ئوقۇش

2009年4月25日星期六

Qarabagh mesilisi


Qarabagh héchqachan erminlerning hakimiyiti asitida idare qilinip baqimighan.
Qara bagh murat(III) dewride 1578-yili türklerning hakimiyiti asitigha kirgen.
18-esirgiche osmanilar bilen saf ewiler hakimiyiti otturisida idare qilinip kelgen.
18-esirde penah eliy beg qarabagh xanliqini qurghan.
Ruslar 1813-yili qarabaghni changgiligha kirgüziwalghandin kéyin, nopus jehettin üstün orunda turidighan türklerning nopus tengpungliqini astin-üstün qilish üchün rayon'gha bir türküm erminilerni köchürgen.
1917-yili öktebir inqilawidin kéyin, qarabagh 1919-yili ezerbeyjan'gha qoshuwétilgen.
1923-yili 24 iyunda aptonom rayon bolup qurulghan.


قاراباغ مەسىلىسى


(24-04-2009)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:

قاراباغ ھېچقاچان ئەرمىنلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاسىتىدا ئىدارە قىلىنىپ باقىمىغان.
قارا باغ
مۇرات(III)
دەۋرىدە 1578- يىلى تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاسىتىغا كىرگەن.
18-ئەسىرگىچە ئوسمانىلار بىلەن ساف ئەۋىلەر ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىدارە قىلىنىپ كەلگەن.
18-ئەسىردە پەناھ ئەلىي بەگ قاراباغ خانلىقىنى قۇرغان.
1813-يىلى رۇسلار قاراباغنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغاندىن كېيىن، نوپۇس جەھەتتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان تۈركلەرنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلىقىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن رايونغا بىر تۈركۈم ئەرمىنىلەرنى كۆچۈرگەن.
1917- يىلى ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كېيىن، قاراباغ 1919-يىلى ئەزەربەيجانغا قوشۇۋېتىلگەن.
1923-يىلى 24-ئىيۇندا ئاپتونوم رايون بولۇپ قۇرۇلغان.
1985-يىلى گورباچيۋنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى بىلەن دۆلەت مىقياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئەركىن مۇھىتنى ئۆز مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۈرۈشنىڭ كويىدا يۈرگەن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىمتىيازلىق مىللەتلەردىن بىرى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ قاراباغنىڭ ئەرمەنىستان ياكى رۇسىيىگە قوشۇۋېتىلىشى پىلانلانغان.

تۆۋەندە گازى ئۇنۋېرسىتېتى ئىگىلىك باشقۇرش ۋە ئىقتىساد پاكولتىتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى باشلىقى پروفېسسور دوكتۇر ھەيدەر چاقماننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

ئەرمىنىلەر مەيلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا بولسۇن، مەيلى غەرب دۆلەتلىرىدە بولسۇن قاراباغنى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋېلىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
1989-يىلىغا كەلگەندە قارا باغنىڭ ئاپتونۇم رايون ئورنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ بىۋاستە ئەرمەنىستانغا(ئەرمىنىيە)قوشۇۋېلىنغان.
رۇس قوراللىق كۈچلىرى 1990-يىلى 20-يانۋاردا باكۇغا بېسىپ كىرىپ 143 گە يېقىن ئەزەرى تۈركنى ۋەھشىلەرچە قىرغىن قىلغان.
تاغلىق قاراباغ ئەرمەنىلىرى رۇسىيە ۋە ئەرمەنىستاننىڭ ياردىمى بىلەن ئىسيان كۆتۈرگەن ۋە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەزەرى تۈركىنى رايوندىن مەجبۇرى كۆچۈرگۈزۋەتكەن.
رۇسلارنىڭ يارىدىمىگە ئېرىشكەن ئەرمەنىستان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن قاراباغ ئەرمەنلىرى 1992-يىلى 26-فېۋرالدا ئون مىڭ نوپۇسى بولغان غوجالىغا بېسىپ كىرىپ ئەر-ئايال، قېرى-ياش ئايرىماستىن 1300 گە يېقىن ئەزەرى تۈركىنى قىرغىن قىلغان ۋە قانچە مىڭلىغان كىشىنى ئېغىر يارىدار قىلغان.
1990-يىلى ئەزەربەيجان-ئەرمەنىستان ئۇرۇشى پارتىلىغان.
تاغلىق قارا باغ 1991-يىلى تاغلىق «قاراباغ جۇمھۇرىيىتى» نامى ئاسىتىدا مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان.
بىراق ئەرمەنىستان بولەك ھېچقانداق بىر دۆلەت رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان.
رۇسلارنىڭ چوڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئەرمەنىلەر قاراباغىنى ئىشغال قىلىشنى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا تاماملىغان.
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسدە 1992-يىلى 24-مارت ئامىرىكا، رۇسىيە فېدراتسىيىسى ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان مىنسىك گۇرۇپىسى قۇرۇلغان. بۇ گۈرۇپپىنىڭ ئۈچ ئەزاسىنىڭ ھەممىسى ئەرمەنىي تەرەپتارىدۇر ۋە ئەرمەنىستانغا ھېچقانداق بىر بېسىم ئىشلىتىپ باقمىغان. دېمىسۇ بۇ سەۋەبتىن بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن بولمايتتى ئەلۋەتتە.
ئەرمەنىلەر ئەزەربەيجان تۇپراقلىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۋالغاندىن كېيىن 1994-يىلى 9-مايدا قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالانغان.
تەخمىنەن 20 يىلدىن بېرى ئەرمەنىلەر ئەزەربەيجان زېمىنىنى قانۇنسىز ھالدا ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى 1993-يىلى 20-ئاپرېلدا 822-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، ئەرمەنىستاندىن ئەزەربەيجان زېمىنىدىن چىكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان.
كېينىچە 853-، 874-ۋە 884-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ بۇرۇنقى قارارىنى يەنە بىر قېتىم كۈچكە ئىگە قىلغان.

كېينكى بىر يىلدا قاراباغ مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغان،
بىراق غەربلىكلەر ۋە رۇسلار مەسىلىنى ئەزەربەيجان ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.
تۈركىيىنى كوزۇر قىلىشنىڭ كويىدا، ئامېرىكىلىقلار تۈركىيىدىن ئەزەربەيجاننى بۇ ئىشقا ئارىلاشتۇرماستىن، ئەرمەنىستان بىلەن بىۋاستە ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمنامە تۈزۈشنى تەلەپ قىلماقتا.
رۇسىيەمۇ ئەزەبەيجان بىلەن تۇركىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان ئىشەنچ كرىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەزەربەيجاندىكى بۇرۇنقى مۇستەملىكچىلىك تۈزۈمىنى يېڭىدىن ئەسىلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا.
غەربپەرەس مەتبۇئات قۇرۇلۇشلىرى يالغان-ياۋاداق خەۋەرلەر تارقىتىپ تۈركىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرۈش ئارقىلىق قاراباغ مەسىلىسىنى ئەرمەنىلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن يوسۇندا ھەل قىلىش ئويۇنى ئويناپ كەلمەكتە.

ئەزەربەيجان-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس.
ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرى ئوخشاش.
ھەر ئىككى دۆلەت مەيلى ياخشى كۈندە بولسۇن مەيلى قېيىن كۈنلەردە بولسۇن بىرلىكتە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر.
ھەتتا بىر-بىرىلىرىدىن گۇمان قىلىشلىرىمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.

ئىراننىڭ رەسمىي مەتبۇئاتلىرى تۈركىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈشنى ئاللبۇرۇن باشلىۋەتتى. ئامىرىكا بىلەن ئەرمەنىستاننىڭ بۇنداق قىلىشلىرىغۇ ئىدىيىمىزدىن ئۆتەر،
بىراق ئىران نىمە ئۈچۈن نىيىتىنى يامان قىلىدۇ؟
بۇ ھەققىقەتەن كىشىنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەيدۇ.
تۈرك-ئەرمەنىي چېگرا ئېغىزى، ئەزەربەيجاننىڭ ماقۇللىقى بولماي تۇرۇپ، قاراباغ مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تۈرك ھۆكۈمىتى چېگرا ئېغىزىنى قەتئىي ئېچىۋەتمەيدۇ.
جۇمھۇر رەئىسى، باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە تارقىتىپ كېلىنىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىشلىرىنىڭ ئەكسىچە، مەيلى تۈركىيىدە بولسۇن مەيلى ئەزەربەيجاندا بولسۇن مەزكۇر مەسىلە كەڭ جامائەتچىلىك ئارىسىدا سەلبىي تەسىر ياراتماقتا.

&&&&&&&&&&&&&&&

تولۇق ئوقۇش

Din we dunya (3)



ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈش توغرىسىدا


(23-04-2009)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ ھەپتىلىك «دىن ۋە دۇنيا» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ بۇ بۆلۈمىدە «ئىماننىڭ پرىنسىپلىرىدىن-ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈش» تېمىسى ئاستىدا ھازىرلانغان مەخسۇس پروگراممىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

ئىنساندىكى ياشاش ئارزۇسى، ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا مەۋجۇت بولغان تەبىئىي بىر خىل تۇيغۇدۇر.
ئىنسان يالغۇز روھى جەھەتتىنلا ئەمەس، ئەينى زاماندا بىئولوگىيىلىك جەھەتتىنمۇ ئۆلۈمسىزلىكنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن، ھەر بىر ئىنساننىڭ مۇئەييەن بىر مۇددەت ياشىغاندىن كېيىن، ئۆلۈمنىڭ تەمىنى چوقۇم تېتىيدىغانلىقى، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر خىل قىسمەتتۇر.
بۇ دائىرىدە ئىنسان، ئىز-ئەسەرلىرى، قىلغان-ئەتكەنلىرى بىلەن، باشقىلارنىڭ ياخشىلىق ۋە خوشاللىقلىرىغا ھەسسە قوشۇش ۋە ئارقىسىدا «ياخشى نام قالدۇرۇش»نى خالايدۇ.

ئەبەدىي داۋاملىشىدىغان بىر ھايات چۈشەنچىسىنىڭ ئورنىغا، ھاياتنىڭ ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان بىر نۇقتىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى چۈشەنچىسى، ئىنساننى يېتەرلىك دەرىجىدە بىئارام قىلىدۇ. بەلكى بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىنساندا پەيدا بولغان ئۆلۈمسىزلىك ئارزۇسى، بىر مەنىدە ئۇنىڭدا ئەبەدىي ھايات چۈشەنچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
(يۇقىرىدىكى مەلۇماتلار مەھمەت ئايدىننىڭ «دىن پەلسەپىسى» ناملىق كىتابىنىڭ 190-191-بەتلىرىدىن ئېلىندى)

ئىنساننىڭ روھ ۋە بەدەندىن شەكىللەنگەن بىر مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكى ھەمىشە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. بۇ سەۋەپلىك، ئىنساننىڭ ئېھتىياجلىرىمۇ ئىككى تەرەپتىن قامدىلىشى لازىم. ئېھتىياجلىرىنىڭ بىر تەرەپتىنلا تەمىن ئېتىلىشى، ئۇنى مۇشكۈلاتلارغا دۇچار قىلماقتا، خۇسۇسەن روھىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق بىر خاتىرجەمسىزلىك، ئۇنى توراقسىزلىققا ۋە ئۈمىدسىزلىككە دۇچار قىلماقتا. ئىنسان بەزىدە ئۇ قەدەر يۈكسەك قاراش ۋە ئىدىيىلەرنىڭ ئارقىسىدىن چاپىدۇكى، بۇلارنىڭ رېئاللىققا ئايلانماي قېلىش ئەندىشىسىمۇ ئۇنى بىئاراملىققا دۇچار قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئىنسان ھەممە جەھەتتىن، بولۇپمۇ روھىي جەھەتتىن خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدىغان نۇقتىنى سېغىنىدۇ.

يەر يۈزىدە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ ياشايدىغانلىقى ۋە بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس قاراشلىرىنىڭ بارلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قانچىلىك ئىنسان بولسا، ئۇ قەدەر چۈشەنچە شەكلى بار، دېيىشىمىز مۇمكىن. بۇ قاراشلارنىڭ بىر قىسمى بىر-بىرىگە ئوخشىسا، يەنە بىر قىسمى بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشىدۇر. كۆپىنچە كىشىلەر ئۆز پىكرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا سەمىمىي ھالدا ئىشىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى بولغان پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى توغرا، دەپ قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا ھەقىقەتنىڭ ئىنتايىن روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى، پۈتۈن سىرلارنىڭ نامايان بولىدىغانلىقى ۋە ھەممە تەرىپىدىن چۈشىنىلىپ قوبۇل قىلىنىدىغان بىر كۈننىڭ بارلىقى چۈشەنچىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئىنسان دۇنيادا ياشىغان مۇددەت ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ. قىلغان ئىشلىرىنىڭ مېۋىسىنى تولۇق شەكىلدە كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. روياپقا چىقارغان ئەسەرلىرىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىنىدە خوشال بولىدۇ، ياخشىلىقلىرىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرەلمىگەن چاغلىرىدا بولسا، ئۈمىدسىزلىنىدۇ. پات - پات باشقىلار دۈچ كەلگەن ناھەقچىلىكلەرگىمۇ شاھىت بولىدىغان ئىنسان، قىلغانلىرىنىڭ مېۋىسىنى تولۇق شەكىلدە كۆرەلەيدىغان بىر كۈننىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ.
(تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى» 1988-يىل، 1/545-بەت)

ئاخىرەت ھاياتىنىڭ بارلىقى ۋە ھەقىقەتلىكى توغرىسىدا ھەم ئىنساننىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسىدا، ھەمدە سىرتقى دۇنيادا كۆپلىگەن پاكىتلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا بۇنى ئىنكار قىلالايدىغان ئىنسانلارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم» بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە روشەن يىپ ئۇچلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ.

ئىنكار قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بېشىدا دۇنيا سۆيگۈسى كېلىدۇ.مەڭگۈلۈك دۇنيانىڭ نېمەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، تولىمۇ ئەرزىمەس ۋە ئۆتكۈنچى بولغان دۇنيا نېمەتلىرىنى ئىنسان ئۈچۈن بۇ قەدەر جەلپكار قىلغان ئامىل، دۇنيا نېمەتلىرىنىڭ تىزلا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان بولۇشىدۇر. ھالبۇكى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇچراتقان، ھازىر تۇرغان ياكى تىرىشىپ تىرمىشىپ قولغا كەلتۈرگەن بۇ نېمەتلەر، كونكرېت شەكىلدە ئىنساننىڭ ئالدىدا تۇرماقتا ۋە ئۇنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. بۇ جەلىپكارلىققا ئۆزىنى ئاتقان ئىنسان، دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئەۋزەل دەپ قارىماقتا.

بۇ خىل ئىنسانلار «قۇرئان» كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
«ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەت مۇكاپاتىنى يالغان چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىلىرى ئېيتتى: ‹بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر. ئۇ سىلەرنى سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغاندىن كېيىن تىرىلىسىلەر دەپ ئاگاھلاندۇرامدۇ؟. سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر. بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرىمىز)، بىز قايتا تىرىلمەيمىز. ئۇ پەقەت ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەملەردۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز›»
(مۆمىنۇن سۈرىسى، 33- ئايەتتىن 38- ئايەتكىچە)

«قۇرئان كەرىم» ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قايىل قىلارلىق ھېچقانداق بىر پاكىتىنىڭ يوقلىقىنى، بۇ ھەقتىكى دەۋالىرىنىڭ بىر خىيالدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى مونو شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

«ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن. ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت»
(نەجم سۈرىسى، 28- ئايەتتىن 30- ئايەتكىچە)

«قۇرئان كەرىم»دە ئاخىرەت ھاياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، مۇكاپاتىنىڭ تېخىمۇ بۈيۈك ئىكەنلىكى كۆپلىگەن ئايەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دۇنيا ھاياتىنىڭ ئۆتكۈنچى ۋە ئويۇندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئىنسانغا ئەبەدىي ۋە تېخىمۇ خەيىرلىك بولغىنىنى تاللىشى كېرەكلىكىنى خاتىرلىتىدۇ. بۇ بولسا، دۇنيادىن قول - پېشىنى تارتىش ۋە دەرۋىشلەرچە ھايات كەچۈرۈش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئاخىرەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، دۇنيادا ئىلاھىي ۋەھيىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە مۇۋاپىق ھالدا ياشاش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.

بۇ نۇقتىغا مۇناسىۋەتلىك «قۇرئانى كەرىم»نىڭ بەزى ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈشنى پايدىلىق دەپ قارايمەن.
ئاخىرەت بىلەن سېلىشتۇرۇلغان دۇنيا ھاياتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن، غەپلەتتىنلا ئىبارەت، تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟»
(ئەنئام سۈرىسى، 32-ئايەت)

دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ھاياتى سېلىشتۇرۇلغان بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە (بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ئارتۇقتۇر»
(يۇسۇف سۈرىسى، 57-ئايەت)

دۇنيادا ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ھاياتلىرىنى تەسۋىرلىگەن ئايەتلەردە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«تەقۋادارلارغا: ‹پەرۋەردىگارىڭلار (پەيغەمبىرىگە) نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟› دېيىلسە، ئۇلار: ‹ياخشى سۆزلەرنى نازىل قىلدى› دېيىشىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بۇ دۇنيادا مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاخىرەت يۇرتى (ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ) ياخشىدۇر. تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى راستلا نېمىدېگەن گۈزەل! ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدنى جەننەتلىرىگە كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆڭلى خالىغان نەرسىلەر تېپىلىدۇ»
(نەھل سۈرىسى، 30-، 31-ئايەتلەر)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئېتىزلىقىدۇر» دېگەن سۆزىمۇ، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ھاياتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەڭ قىسقا شەكلىدە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.

&&&&&&&&&&&&&&&&&


تولۇق ئوقۇش

2009年4月20日星期一

Türkiyening tunji «güzellik melikisi»



1929-yili 2-sintebir küni ötküzülgen musabiqide bahalash hey'iti, ilgiriki xelq teripidin bérilgen awaz bérishte 721 awazgha ériship 11-bolghan «ottura boyluq, budur chachliq, altun közlük, aq tenlik, ewrishim bellik, güzel ruxsariliq ap'aq tawardin tikilgen kiyim kiyiwalghan feriha tewfiqni birinchilikke tallidi.





تۈركىيىنىڭ تۇنجى «گۈزەللىك مەلىكىسى»-فەرىھا تەۋفىق



(16-04-2009) تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:

بۈگۈن سىلەرگە تۈركىيىنىڭ تۇنجى گۈزەللىك مەلىكىسى فەرىھا تەۋفىق ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
فەرىھا تەۋفىق-تۈركىيەنىڭ تۇنجى گۈزەللىك مەلىكىسى بولۇپ، 1910-يىلى تۇغۇلغان.
ئۇ، 1929-يىلى «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە «گۈزەللىك مەلىكىسى» بولۇپ تاللانغان.

تۈركىيەنىڭ تۇنجى گۈزەللىك مەلىكىسى مۇسابىقىسى 1926-يىلى «يىپەك فىلىم شىركىتى» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.
بىراق، جىددىي ۋە تەرتىپلىك بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.

ھۆكۈمەت، 1929-يىلى تۈركىيىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەلىكىسىنى تاللاشقا قايتىدىن تۇتۇش قىلىدۇ.
ھەتتا ئاتاتۈركنىڭ بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن قارار چىقارغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ۋاستىچىلىك قىلىدىغان ئورگان بولسا جۇمھۇرىيەت گېزىتى بولىدۇ.

بۇ مۇسابىقىنىڭ ھېكايىسى 1929-يىلى 4-فېۋرال كۈنىدىكى ئېلان ئارقىلىق باشلاندى.
ئېلاندا مۇنداق دېيىلەتتى:
«پۈتكۈل دۇنيادا چىرايلىق ئاياللار تاللىنىپ، دۆلەتلىك گۈزەللىك مەلىكىسى قىلىپ بېكىتىپ چىقىلىۋاتقان يەردە، بىزنىڭمۇ گۈزەللىك مەلىكىمىز نېمىشقا بولمىسۇن؟ ئەجىبا تۈركىيىنىڭ ئەڭ چىرايلىق ساھىبجامال گۈزەل مەلىكىسى زادى كىمدۇ؟»

ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بۇنىڭ سىرى جۇمھۇرىيەت گېزىتىدە يېشىلدى:
«تۈركىيىنىڭ گۈزەللىك مەلىكىسىنى تېپىپ چىقىشقا قارار قىلدۇق. 16-ياشتىن 25-ياشقىچە بولغان ئاياللار ئارىسىدا ناھايىتى مۇھىم ۋە جىددىي مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ»

بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ خوجايىنى ۋە باش مۇھەررىرى يۇنۇس نادى ئۆزىنىڭ ستۇنىنى بۇ مەسىلىگە ئاجرىتىدۇ، ھەمدە گۈزەللەرنىڭ ئىچ كۇسىرى بىلەنلا باھالاش ھەيتىئىتىنىڭ ئالدىغا چىقىدىغانلىقى، بۇنىڭ بولسا بۇنى «غەيرىي ئەخلاقىي» دەپ تەنقىد قىلغۇچىلارغىمۇ بىر جاۋاب بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تۇنجى فوتۇ-سۈرەت 7-مارت كۈنى ئېلان قىلىندى. نامزات فوتو-سۈرەتلەر دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىنمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى. فوتو-سۈرەتلەر بىلەن بىرگە يەنە يېزىقچىلىق ستۇنى مۇسابىقىسىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بارغانسىرى كېڭەيدى.
بىر ئايال يازغۇچى مۇنداق يازدى: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى چۈشەنمەيدۇ»

مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق شاللىنىشى خەلق تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى.
125 نەپەر گۈزەللىك مەلىكىسىنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى 1929-يىلى 21-ئىيۇن كۈنى تاماملاندى ۋە ئەمدى نۆۋەت ئوقۇغۇرمەنلەرنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە كەلدى.
خەلق، باھالاش ھەيئىتى ئۈچۈن 48 نەپەر مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىنى تاللىدى ۋە 1-ئىيۇندا ئېلان قىلىنغان مۇسابىقە نەتىجىسىگە كۆرە، خەلق تەرىپىدىن بېرىلگەن ئاۋازدا مۇئاللاھ سۇزان 1121 ئاۋاز بىلەن بىرىنچى بولۇپ تاللاندى.

«جۇمھۇرىيەت گېزىتى» 400 دىن كۆپرەك ئاۋازغا ئېرىشكەن 48 نەپەر قاتناشقۇچىنىڭ باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئالدىغا چىقىش قارارى ئالدى. مۇسابىقە «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» بىناسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.

1929-يىلى 2-سىنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە باھالاش ھەيئىتى، ئىلگىرىكى خەلق تەرىپىدىن بېرىلگەن ئاۋاز بېرىشتە 721 ئاۋازغا ئېرىشىپ 11-بولغان «ئوتتۇرا بويلۇق، بۇدۇر چاچلىق، ئالتۇن كۆزلۈك، ئاق تەنلىك، ئەۋرىشىم بەللىك، گۈزەل رۇخسارىلىق ئاپئاق تاۋاردىن تىكىلگەن كىيىم كىيىۋالغان فەرىھا تەۋفىقنى بىرىنچىلىككە تاللىدى.

سەمىنە نىھات خانىم ئىككىنچىلىككە، 1926-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەللىك مەلىكىسى مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان ماتمازال ئاراقسى بولسا ئۈچۈنچىلىككە تاللاندى.

تۈركىيىنىڭ تۇنجى «گۈزەللىك مەلىكىسى» بولۇپ تاللىنىشى- تەبىئي رەۋىشتە فەرىھا تەۋفىقنىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.

«گۈزەللىك مەلىكىسى» بولۇپ تاللانغاندىن كېيىن ھەر خىل فىلىملەردە رول ئالغان فەرىھا تەۋفىق، كېيىنچە تىياتىرلاردىمۇ رول ئالدى.
1988-يىلى گۆكخان ئاقچۇرا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە فەرىھا تەۋفىق، كىنوغا كىچىگىدىن تارتىپلا تولىمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ يىللاردا ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئارتىسلار رۇدولپى ۋالېنتىنو بىلەن ۋىىلما بانكە ئىكەن.

فەرىھا تەۋفىق كىنو ئارتىسلىق ھاياتىنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«گۈزەللىك مەلىكىسى مۇسابىقىسى ئۈچۈن گېزىتتە بۇرۇن فوتو-سۈرەتلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ فوتو-سۈرەتلەر ئىپەكچى قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقانىكەن. بىر كۈنى ئىپەكچى قېرىنداشلار بىلەن مۇھسىن ئەرتۇغرۇل بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، ئانامدىن مېنىڭ «ئەتكەسچىلەر» فىلىمىدە رول ئېلىشىمنى تەلەپ قىلدى. بىزمۇ ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلدۇق»

فەرىھا تەۋفىق، تىياتىر سەھنىسى بىلەنمۇ مۇھسىن ئەرتۇغرۇلنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق تونۇشتى ۋە نۇرغۇنلىغان ئوپېرا ۋە كومېدىيەلەردە رول ئالدى.
فەرىھا تەۋفىق 1939-يىلى ئەنقەرە شەھەرلىك تىياتىر ئۆمىكىدە بىرقانچە ئويۇندا رول ئالغاندىن كېيىن، پەردە ۋە سەھنىلەردىن تامامەن ئايرىلدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر قېتىممۇ سەھنىگە چىقىپ باقمىدى.
بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ مۇنۇ بايانلىرىدا ساقلانغان:
«دۆلىتىمگە سەھنىگە چىقىش ئارقىلىق مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغانلىقىمنى ئويلايتتىم. بىراق، دارۇلبەدايىن (سەنئەت جەمئىيىتى) نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن يۈرىگىم ئېغىپ، تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىم. مەن بۇ ئۈمىدسىزلىككە قانچە يىلدىن بېرى سەۋر-تاقەت قىلالىغان بولسام، بۇمۇ مېنىڭ روھى دۇنيايىمغا سەنئەت سۆيگۈسىنىڭ چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى. شۇنچىلىك پىداكارلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى ھېچقاچان ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ھېچ قوللاشقا ئېرىشەلمىدىم»

فەرىھا تەۋفىق رول ئالغان فىلىملەردىن بىرى مۇھسىن ئەرتۇغرۇلنىڭ رىژىسسسورلىقىدىكى 1935-يىلى ئىشلەنگەن «ئايشەل باتاقلى دامنىڭ قىزى» ۋە 1939-يىلى ئىشلەنگەن پوسپۇر بوغۇزىدا ياشايدىغان ناھايىتى باي بىر ئائىلىنىڭ سەرگۈزەشتىسى بايان قىلىنغان «ئاللاھنىڭ جەننىتى» ناملىق فىلىملەردۇر.

فەرىھا تەۋفىق 3 قېتىم ياتلىق بولغان بولۇپ، 1991-يىلى 22-ئاپرىل كۈنى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋېدالاشتى. تۈركىيىنىڭ تۇنجى گۈزەللىك مەلىكىسى فەرىھا تەۋفىقنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىشى بىلەن تۈركىيە يەنە بىر سەنئەت چولپىنىدىن ئايرىلىپ قالدى.

&&&&&&&&&&&&

تولۇق ئوقۇش

2009年4月19日星期日

Moldawiye


Moldawiyining türkiyige nisbeten ehmiyiti bu dölette 150.000 ge yéqin xéristiyan gagawuz türkining bolushidur. 1994-yili 24-aprélda siyasiy jehettin aptonum rayon bolghan gagawuzya 1832 yer meydanigha ige.
Gagawuz türkliri Moldawiyining toluq menige ige musteqil bolushni yaqilimaqta we rominiye bilen birlishishini we rus hakimiyitige qarshi chiqip kelmekte.


مولداۋىيە


(17-04-2009)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:

مولداۋىيە 1538-يىلىدىن 1812-يىلىغىچە بوغدان ئىسمى بىلەن تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاسىتىدا ئىدى. 1812-يىلىدىن كېيىن بولسا بۇ زېمىلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پەرقىلىق مىللەتلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. بۇ ئەھۋال تا رومىنىيە ئىسمى بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە داۋام قىلدى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن دۆلەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ مولداۋىيە ئىسمى بىلەن 1990-يلىغىچە رۇسلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاسىتىدا ياشاپ كەلدى. بارلىق خوشنىلىرى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق مولداۋىيە يەنىلا رۇسلارنىڭ ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلالماي كەلگەن. مولداۋ كومۇنىست پارتىيىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە قانداق مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىكەن بولسا، سوغۇق ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا خەلقنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلگەن. بىراق 2009-يىلى 5-ئاپرېلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا كومنىست پارتىيىسى سايلامدا يەنە ئۇتۇپ چىقىپ ھاكىمىيەت بېىشىغا كەلگەندە، كەڭ خەلق ئاممىسى سايلامدا ھىلە ئىشتىلىتىدى، دەپ قوزغىلىپ كەتكەن.

تۆۋەندە گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش پاكولتىتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور ھەيدەر چاقماقنىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

نامايىشلارنىڭ كۆلىمىنىڭ تىز سۈرئەتتە كېڭىيۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاساسىي قانۇنى مەھكىمىسى سايلام بېلىتىنىڭ قايتىدىن سانىلىشىنى قارار قىلدى. رۇسلارنىڭ كونتروللىقىدىكى ھۆكۈمەت، قانداشلىرى بولغان رومىنيىنى ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. خەلقنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇنقىغا ئوخشاش قانداشلىرى بولغان رومىنىيە بىلەن بىرلىشىشنى ئارزۇ قىلماقتا. بىراق رۇسلار بۇ ئىشقا جان-جەھلى بىلەن قارشى چىقىپ كەلمەكتە.
مولداۋىيىنىڭ بىر قىسمى بولغان ۋە يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ رۇس(% 30.4) ۋە ئۇكرائىنا(28.8) مىللىتىدىن تەشكىل تاپقان ترانسدىنيېستېر رايونى رۇسيىنىڭ ياردىمى بىلەن 1990-يىلى 2-سېنتەبىرىدە مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان بۇ كىچىككىنە دۆلەت 2133 كۇۋادىرات كىلومىتىر يەر مەيدانى ۋە 550.000 نوپۇسلۇق) رۇسلارنىڭ ياردىمى بىلەن ھازىرغىچە مەۋجۇتلىقىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. رايونلۇق ھاكىمىيەت رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

مولداۋىيىنىڭ تۈركىيىگە نىسبەتەن ئەھمىيىتى بۇ دۆلەتتە 150.000 گە يېقىن خېرىستىيان گاگاۋۇز تۈركىنىڭ بولۇشىدۇر. 1994-يىلى 24-ئاپرېلدا سىياسىي جەھەتتىن ئاپتونۇم رايون بولغان گاگاۋۇزيا 1832 يەر مەيدانىغا ئىگە.
گاگاۋۇز تۈركلىرى مولدۋىيىنىڭ تولۇق مەنىگە ئىگە مۇستەقىل بولۇشنى ياقىلىماقتا ۋە رومىنىيە بىلەن بىرلىشىشىنى ۋە رۇس ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى مولداۋىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش پىلانى يوق. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى رۇسلارنىڭ مولداۋىيە سىياسىتىگە نارازى بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ باقمىدى. مولداۋىيە ياۋروپانىڭ ئەڭ نامرات دۆلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. رومىنىيە بولسا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ تۇرۇپ، مولداۋىيە بىلەن بىرلىششىنىڭ پىلانىنى قۇرۇپ يۈرمەكتە. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە رومىنيىنى قوللاپ كېتىشى ئېھتىمالدىن يىراقراق. مولداۋىيىنى چېكىنىش مەيدانى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان رۇسىيە ھەر زامان مەسىلە تۇغدۇرۇشقا تەييار تۇرماقتا. مولدوۋىيە ھۆكۈمدارلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تاكتىكىلىرى بىلەن قايىل قىلىپ كېلىۋاتقان رۇسىيە، مولداۋىيە خەلقىنى قايىل قىلىشى بەكلا تەسكە توختىشى مۇمكىن. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا خوشنىلىرىدىن رومىنىيە بىلەن بۇلغارىستان (بۇلغارىيە)دا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈۋاتقان مولداۋىيە خەلقىنى رۇس تاكتىكىسى بىلەن قايىل قىلىش مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ.

ئالدىمىزدىكى بىر ھەپتە ئىچىدە ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ قايتىدىن سانلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىش يۇز بەرمىگەن تەقدرىدە رۇس تەرەپتارى بولغان نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت ۋەزىپسىنى كەلگەن يېرىدىن داۋام قىلىدۇ. بىراق بۇ قېتىمقىسى ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇشى مۇمكىن. كۆپىنچىسى ئاچارچىلىقتىن ئېڭراۋاتقان خەلق ھازىردىن باشلاپلا نارازىلىق نامايىشىنى باشلىۋەتتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىشى ئېھتىمالغا بەكلا يېقىن.
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

تولۇق ئوقۇش

Obama qiyin ehwalda turmaqta


obama amérika qoshma shtatlirining prézidénti salahiyiti bilenla emes, belki mijez xaraktéri bilenmu asasliq küntertiptin orun almaqta. Obamaning ikki künlük türkiye ziyariti türkiye-amérika munasiwetliri üstide qaytidin talash-tartishlarning köpiyip kétishige sewep boldi hemde bush hakimiyiti dewride éghir derijide buzulghan hetta ikki ittipaqdash dölet otturisida ishench krizisi peyda bolghan türk-amérika munasiwetliride burulush nuqtisi meydan'gha keldi.


ئوباما قىيىن ئەھۋالدا تۇرماقتا


(16-04-2009) تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:

ئوباما ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى بولغاندىن بۇيان ئاساسلىق كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. ئەسلىدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بارلىق پرېزىدېتلىرى نورمالدا ھەر دائىم كۈنتەرتپىدىن چۈشمەي كەلگەن. بىراق ئوباما ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى سالاھىيىتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مىجەز خاراكتېرى بىلەنمۇ ئاساسلىق كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالماقتا. ئوبامانىڭ ئىككى كۈنلۈك تۈركىيە زىيارىتى تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە قايتىدىن تالاش - تارتىشلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولدى ھەمدە بۇش ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان ھەتتا ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ كرىزىسى پەيدا بولغان تۈرك - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى مەيدانغا كەلدى.

تۆۋەندە گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش پاكولتىتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور ھەيدەر چاقماقنىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

ئا.ق.ش نىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۈرت (كورت) ھاكىمىيىتى بىلەن ئورناتقان چوڭقۇر مۇناسىۋەتلەر ۋە 25 يىلدىن بۇيان تۈركىيىنىڭ بېشىغا بالا بولۇپ كېلىۋاتقان، ئا.ق.ش ۋە غەربلىك دوست دۆلەت بىلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئاستىرىتتىن ياردەم بېرىش بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتقان، تۈركىيىنىڭ ئىقىتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قېلىشنى مەقسەت قىلغان پ.ك.ك نىڭ تېررولۇق ھەرىكەتلىرى تۈركىيە-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا مەسىلە سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

بۇش ھاكىمىيىتى تۈرك - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا سەۋەب بولغان ئىدى. ئۆتمۈشتىن كۈنىمىزگە نەزەر سالغىنىمىزدا ئامېرىكىلىقلار بولۇپ غەربلىكلەرنىڭ تۈركىيە بولغان قارشى ۋە پوزىتسىيىسىنىڭ پەقەتلا سەمىمى بولمىغانلىقى چۈشەنچىسىگە كېلىپ قالىمىز. 1959-يىلىدىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى روياپقا چىقمايۋاتىدۇ. يەنى 50 يىلدىن بېرى ئاغزىمىزغا قۇرۇق ئېمىزگە سېلىنىپ پەپىلىنىپ كېلىۋاتىمىز. ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەردە سەمىمىيەتسىزلىك مەۋجۇت. ئامېرىكا ۋە غەربلىكلەر تۈركىيىدە ھېچقاچان ئېغىر سانائەت قۇرۇلۇشلىرى بەرپا قىلىپ باقمىدى. تۈركىيىدە مەۋجۇت بولغان ئېغىر سانائەت قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك 1970 - يىللاردا رۇسلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنىپ چىققان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا پولات - تۆمۈر سانائىتى، نېفېت - خىمىيە سانائىتى، ئاليومىن ۋە مىس سانائىتى قاتارلىق كۆپ ساندا سانائەت قۇرۇلۇشلىرى بەرپا قىلىنغان. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى تۈركىيىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە سانائەتلىشىشى ئۈچۈن ئىمزالانغان كېلىشىمنامىلەر ۋە كرېدتلەرنىڭ ھەر خىل باھەنىلەر بىلەن تۈركىيىگە بېرىلمەسلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭغا نۆۋەتتە يادرو ئېنېرگىيىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان مەركەزلەرنىڭ قۇرۇلۇپ چىقىش مەسىلىسى ئەڭ تىپىك مىسال بولالايدۇ. تۈركىيە 1968-يىلدىن بۇيان يادرو ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ھۆددىگە بېرىش خىزمىتى يولغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق پەقەتلا مۇۋاپىقىيەت قازىنالماي كېلىۋاتىدۇ. غەرب شىركەتلىرى بىر ئامال قىلىپ يا يولغا قويۇلغان ھۆددىگە بېرىش خىزمەتلىرىگە قاتناشمايۋاتىدۇ ياكى تۈركىيە قوبۇل قىلالمايدىغان شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يادرو ئېنېرگىيە مەركىزى قۇرۇپ چىقىشىغا توسالغۇلۇق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن 2009-يىلى فېۋرالد يولغا قويۇلغان ھۆددىگە بېرىش پائالىيىتىگە ھېچقانداق بىر غەرب شىركەتلىرى ئىلتىماس قىلمىغان. رۇسلار ئىلتىماس قىلغان بىراق ئىنتايىن يۇقىرى باھا دەپ تۇرۇۋالغانلىقتىن بۇ ئىش يەنە سۇغا چىلاشقان.

گەرچە بۇ ئىشتا ئۇچرىشىشلار داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ بىراق رۇسلار غەربنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمىغان تەقدىردە، بۇ ئىشتىن ھېچقانداق بىر نەتىجە چىقمايدۇ. يادرو ئېنېرگىيىسى ساھەسىدە ھەيران قالارلىق ئىشتىن بىرى شۇكى، دۇنيادىكى 443 يادرو ئېنېرگىيە مەركەزلىرى ئىچىدە پەقەت بىرسىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەت پاكستاندا مەۋجۇت بولۇشىدۇر. ئەسىلىدە بىز تۈركلەر يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن 50 يىلدىن بېرى نەتىجىسىز قالغان ھۆددىگە بېرىش خىزمىتىنىڭ بىرەر چېتىشلىقى بار يوقلۇقىغا شۇنداق قىزىقىمىز. نۆۋەتتە رۇسىيە 35 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى سودا بىلەن تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 60 يىللىق ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بولۇشىنىڭ ئەكسىچە تۈركىيە - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا چەكلىمىسىز تىجارەت مەۋجۇت ئەمەس. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ئومۇمىي سوممىسى رۇسىيىنىڭ يېرىدىن ئاز. ئاران 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا. ئامېرىكا تۈركىيە بىلەن ئەركىن تىجارەت ئېلىپ بېرىشقا پەقەتلا يېقىنلاشمايۋاتىدۇ. مىسىر، ئىئوردانىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تىجارەت جەھەتتە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىنىڭ يېرىمىنىمۇ بەرمەيۋاتىدۇ.

ئوباما ھەقىقەتەن قېيىن ئەھۋالدا تۇرماقتا. مەيلى ئۆز دۆلىتىدە بولسۇن مەيلى باشقا دۆلەتلەردە بولسۇن ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسى بىلەن ئىنسانلارغا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئىنتايىن چوڭ ئۈمىت بېرىپ قويدى. ئوباما ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالىشى تەستەك تۇرىدۇ. ئامېرىكىدا پرېزىدېنتىنىڭ ئىسمى، دۇنيا كۆز قارىشى، تېنىنىڭ رەڭگى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دۆلەت ئەنئەنىسى، سىياسىتى ۋە ئا.ق.ش دۆلىتىنىڭ ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەنپەئەتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تەلىيىڭىز بولسا مىللىي مەنپەئەتىڭىز ئا.ق.ش نىڭ مىللىي مەنپەئەتى بىلەن بىر يەردىن چىقسا ئۇتۇپ چىقىسىز، ئەكسىچە بولغاندا ئالدىڭىزدا بىرلا پۇرسەت بار بولۇپ،ئۇ بولىسىمۇ دانالارچە ھەرىكەت قىلىشتۇر.
&&&&&&&&&&&&&&

تولۇق ئوقۇش

2009年4月11日星期六

Türk unwérstitlirining dunyada tutqan orni


Türk unwérstitliri we ularning künimizdiki dunya unwérstitliri arisidiki tutqan orni


(08-04-2009)türkiye awazi radi'osi:

Türkiye jumhuriyitining qurulghinidin étibaren uchqandek tereqqi qiliwatqan, zamaniwilashqan türk unwérstétliri we ularning künimizdiki dunya unwérstétliri arisidiki tutqan orni

Herqandaq bir döletning ilmiy we ma'arip jehettin dunya ölchemlirige toshup-toshmaydighanliqini bilishi we shu ölchemlerge yetken unwérstétlar qataridin orun élishqa tirishishi zadi kem bolsa bolmaydighan muhim amillardin biridur.

Künimiz dunyasida bilim, téknologiye we iqtisadiy musabiqe bilen unwérstétlar arisidiki musabiqe bir birige zich munasiwetlik.

Unwérstétlarning dunya ma'arip sahesidiki tesiri;
Oqu-oqutush sapasi,
Oqutquchilarning sapasi,
Akadémik jehettiki neshriyat buyumlirining köplüki we
Ijtima'iy qurulmisining chongliqi qatarliq pirinsiplargha köre ölchinidu.

Türk unwérstétliri nöwette, oqughuchi tallashqa tolimu diqqet qilmaqta we oqughuchi tallash we orunlashturush merkizi teripidin élinidighan mexsus imtahan arqiliq oqughuchi qobul qilmaqta.
Türkiyidiki unwérstétlar herqandaq bir iltimas we héchkimge qilche yüz xatire qilmastin adil we tenglik asasidiki imtahan arqiliq oqughuchi qobul qilish bilen bir waqitta, yene yétishken oqutquchi-ustazlar, yéterlik maddiy imkanliri we akadémik jehettiki musteqilliqi bilen hemme jehettin alahide közge tashlinip turidu.
::::::::::::::::::::::::::::::::

Yiraqni körüsh jehette mislisiz iqtidargha ige ulugh dahi mustafa kemal atatürkning yéngi jumhuriyetning qurulushi bilen élip bérishqa bashlighan zamanning telipige layiq islahat heriketliri ma'arip we telim-terbiye sahesidimu namayan bolushqa bashlighan.

Buni chöridigen halda türkiyide ma'arip we telim-terbiye saheside qanuniy tengshesh xizmetliri we ma'arip islahatliri ishqa ashurulghan.
Türkiye, osmanli impiratorluqi dewride tarix sehnisidin tégishlik orun alghandin kéyin, aldi bilen ma'arip we telim-terbiye saheside nahayiti zor islahat heriketlirini bashliwetken.
Zawalliqqa yüzlinish we arqida qélish yiltizlirini tüp yiltizidin qomurup tashlaydighan eng chong amil- ma'arip we telim-terbiye sahesidiki islahatlar arqiliq tereqqiyatning ghayisi tiklen'gen.
Türkiyide yéngi dölet éngigha asasen sékolarizmliq sistémisi (yeni din bilen dölet bir biridin ayriwétilgen sistéma) we zamaniwi ma'arip éngigha asaslinidighan bir xil qanun nizami turghuzulghan.

Türkiyide bügün iptixarliq bilen shüni körüwatimizki, asasiy ma'aripta pütünley mekteplishish ishqa ashurulghan. Buningdin sirt yene, iqtidarliq we xelq'ara ölchemge toshudighan elachi oqughuchilarni yétishtürüp chiqish nishani ishqa ashurulghan, ma'arip xizmetliri zamanning telipini qanduralaydighan halgha keltürülgen, xususiy unwérstétlarni qurup chiqishta xususiy karxanilarning qollap quwwetlishi qolgha keltürülgen, hemde yawropani öz ichige alghan dunya ma'arip torlirigha ishtirak qilish pilani muweppeqiyetlik halda orundalghan.

Nöwette, türkiyidiki bashlan'ghuch mektep, ottura mektep we unwérstétlarda oquwatqan oqughuchilarning sani 20 milyon'gha yétidu. 73 milyon nopusqa ige türkiyide peqet bashlan'ghuch mektepte oquwatqan oqughuchilarning sanila 15 milyon 5 yüz mingdur.
::::::::::::::::::::::::::::::::

Adanadiki chuqur'owa unwérstétidin eskishehir(yeni kona sheher)diki anadolu unwérstétighiche,
Boludiki abant izzet baysal unwérstétidin enqerediki ottura sherq téknologiye unwérstétighiche,
Wandiki yüzinchi yil unwérstétidin edirnediki trakya unwérstétighiche,
Diyarbaqirdiki dijle unwérstétidin istanbuldiki boghaz'ichi unwérstétighiche,
Trabzondiki qaradéngiz téknologiye unwérstétidin izmirdiki toqquzinchi sintebir unwérstétighiche
Her bir wilayette kem dégende bir unwérstét bar bolghan türkiye;
Yerlik we chet'ellik oqughuchilargha her jehettin zamaniwi we ilghar ma'arip pursiti yaritip bermekte.

Türk unwérstétliri, zaman'gha layiq sewiyige ige ma'arip xadimliri, hem zaman'gha maslishalaydighan pen-téxnikiliq we ilmiy üstqurulmisi bilen pütkül dunyaning diqqitining merkezliridur.
Her yili türk unwérstétlirigha oqushqa orunlishish üchün hem chet'ellik oqughuchilar imtahani yeni qisqiche atilishi YÖS imtahani arqiliq, hem türk jumhuriyetliri imtahani yeni qisqiche atilishi TCS imtahani hemde bashqa ikkilik medeniy kélishimnamiler arqiliq qanche on minglighan oqughuchilar türk jem'iyetlirige iltimas qilmaqta.
Tarixiy we medeniy bayliqlardin sirt yene ilmiy we akadémik bayliqi bilenmu dunyaning diqqitini özige merkezleshtürgen türkiyiining aliy bilim yurtlirida oqush özgiche bir xil artuqchiliqtur.

::::::::::::::::::::::::::::::::

Türkiyide unwérstét ma'aripi peqet dölet wastisi arqiliqla jari qilduruidighan bir xizmet sahesi emes.
Xususiy qurulushlarmu özlirining qol ilkidiki fondi jem'iyetlerning wastisi arqiliq xususiy unwérstétlarni qurup chiqqan.
Bularning arisida bügün dunyagha dang chiqarghan bashkent yeni paytext unwérstéti, bilgi unwérstéti, bilkent unwérstéti, izmir maliye unwérstéti, koch unwérstéti, sabanji unwérstéti, türkiye soda-sana'etchiler we birzhilar birleshmisi maliye we téknologiye unwérstéti, yeditepe unwérstéti qatarliqlar bar bolup, bular hem ijtima'iy hem ilmiy qurulmiliri arqiliq dunyaning eng zamaniwi unwérstétliri bilen beslisheleydighan sewiyidiki unwérstétlardur.
Talantliq ma'arip xadimliri we zamaniwi binaliri arqiliq oqughuwchilargha mislisiz aliy ma'arip imkaniyiti yaritip bériwatqan türkiye, magéstérliq, dokturluq we tibabetchilikte mutexessislik saheliride teqdim qiliwatqan alemshumul xizmetliri arqiliqmu köz qamashturidighan bir dölettur.

Türkiye nopusining yüzde 30 pirsentini 15-29 yash arisidiki yash-ösmürler teshkil qilidu.
Türkiye jumhuriyiti mana mushundaq köp sanliqni teshkil qilidighan yash-ösmürlerning terbiyilinip chiqishida bir tereptin yéngi-yéngi pilanlarni tüzüp chiqsa, yene bir tereptin her qaysi unwérstétlarda oquwatqan 2 milyon oqughuchi bilenmu kelgüsige zor ümid bilen nezer tashlimaqta.

Nöwette, amérika qoshma shitatliri bilen yawropa elliri ittipaqi döletlirini öz ichige alghan dunyaning türlük unwérstétlirida bilim éliwatqan 50 mingdin artuq türk yashlirimu dunya bilimlirini türkiyige toshuwatqan dinamililiq méngeler hésaplinidu.

::::::::::::::::::::::::::::::::

Ulugh dahi atatürk qurup chiqqan zamaniwiy we medeniyetlik türkiye, dunyadiki zulumgha uchrighuchi barliq mezlum döletler üchün kem-kütisiz bir örnektur.

Bügün türkiye jumhuriyiti türkiy jumhuriyetler, qérindash türkiy milletler, barliq arqida qalghan we tereqqi qiliwatqan döletler hem qérindash türkiy jem'iyetlirige üzlüksiz türde yardem qolini sunmaqta.

Boludiki abant izzet baysal unwérstétidin zon'guldaktiki qara'almas unwérstétighiche, döletlik unwérstétlar bilen enqerediki atilim unwérstétidin istanbuldiki yeditepe unwérstétighiche xususiy fondi jem'iyet unwérstétlirigha a'it barliq uchurlargha shundaqla tizimlitish shertliri heqqide www.Yok.Gov.Tr tor adrisidin érisheleysiler.
::::::::::::::::::::::::::::::::

تولۇق ئوقۇش

Su we dunya(1)


Su - hayatliq menbesi


(10-04-2009)Türkiye awazi radi'osi:

H2O - bir hidirogin, ikki oksigin atum formilisi dunyada hemmeylen'ge tonushluq bolghan xémiye formulisidur.
Bu formulining pütün dunyadiki barliq tillardiki menisi «su» bolup, su hayatliqning asasidur.
Biz shuninggha ishinimizki, barliq til we pütün medeniyetler, bu nuqtida oxshash qarashqa ige.

Insaniyet tarixida, su dunyaning her qaysi jaylirida muqeddes bilinip, shi'ér, dastan we hékayilargha téma bolup kelgen. Hetta su tüpeylidin urushlarmu kélip chiqqan.

Suning medeniyetlerning tereqqiyatidiki we zamanimizdiki muhim rolini hemmimiz bilimiz.
Su hayatliq menbesi bolup, awal su yaritilghan we kéyinche bashqa mewjudatlar yaritilghan.

Dunya tarixini, barliq mewjudiyetlerning, yeni insanlar, ösümlük we haywanlarning su bilen bolghan munasiwiti arqiliq chüshendürüsh tamamen mumkin.

Bizmu «su we dunya» namliq bu bir yürüsh programmimizda, insanlarning su bilen bolghan munasiwitini chüshündürüshke tirishimiz.
Bu munasiwet ichide haywanlar we ösümlüklerni yoq hésaplash mumkin emes, elbette. Shundaq bolsimu, biz programmimizni «insan merkezchilik» nuqtisidin chüshendürüshke tirishimiz.

Buninggha misal körsitip öteyli:

Siz sétiwalghan karton qutigha qachilan'ghan bir létir süt üchün, ming létir su kétidighanliqini bilemsiz?

Biraq inek, bir létr süt üchün töt létirla su istimal qilidu.

Buningdin bashqa, insanning éhtiyaji bolghan süt üchün séghilidighan inekning ichidighan süyi, hemde yem-xeshiki üchün kéreklik bolghan su we sütning qutigha qachilinip, sétilishighiche ishiltildighan su wehakazalarni misal körsitishimiz mumkin.
Kéyinki programmilirimizda bu toghriliq dawamliq toxtilimiz.

Yuqirida, su bilen bolghan munasiwitimizni «insan merkezchilik» nuqtisidin chüshendürimiz dégen iduq;
Biz bu nuqtida muhim misallarni élishni dawamlashturimiz.

::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::

Bu qétimliq tunji programmimizda, mekteptiki chéghimizda ögen'gen, emma waqtning ötishi bilen untulup ketken bezi qanuniyetlerni eslep öteyli:

Suning xémiylik formulisi H2O ikenlikini hemmimiz bilimiz.
Su puraqsiz, temsiz we rengsiz bolup, ikki hidrogin we bir oksigin atumidin tüzülidu.

Su özining ichidiki bashqa madda we ularning puraqlirini saqlap qalalaydu. Eger suning puraq we temi könglimizge yaqmisa ichishtin waz kéchimiz. Normalda, insan we haywanlar tuzluq déngiz süyi we sazliqlardin chiqqan suni ichmeydu. Insanlar, tagh we yer astidin kelgen sap sularni istimal qilidu. Biz tebi'iy yaki méniral su dep, ataydighan suning temi eslide suning ichide tengshelgen ménirallarning temidur. Yeni yuqirida dep ötkinimizdek su temsizdur. Suning renggimu ichdiki maddilar we bulghinishqa oxshash sewepler tüpeyli özgirish yasaydu. Hak téshi suni türk'uaz renggige özgertidu, tömür we buninggha oxshaydighan maddilar suni qizil yaki qehwe renggige özgertidu. Mis bolsa, suni kök rengde, suning ichidiki yusunlar suni yéshil rengde körsitidu.

Su, maddilarni éritidighan xususiyetke ige. Suda ériydighan maddilar términologiye ilmide «hidrofilik maddilar» dep, atilidu. Suda érimeydighan yaki sugha arilashmaydighan yaghqa oxshash maddilar «hidrofobik maddilar» déyilidu.

Normalda su 25 silséye gradus issiqliqta suyuq halette bolidu. Hemmimizning bilginige oxshash su, 0 silséye gradusta tonglaydu. 100 silséye gradusta bolsa qaynaydu. Biraq, suning pargha aylinishtiki issiqliq derijiliri oxshimasliqi mumkin.

Atmusfira bir pirsent pargha aylan'ghan sudin shekillinidu. Pargha aylan'ghan su yene, iqlim shertlirige munasiwetlik halda, dunyaning her qaysi jaylirigha tarqilidu.

Su muz tutqan waqtida, suyuq waqtidikidin yenggil bolidighanliqini bilemsiz?

Barliq suyuqluq maddilarning issiqliq derijiliri töwenligenche hejimlirimu kichiklep baridu. Hejim kichikligenche chongluqida özgirish bolidu we soghuq qisimliri éghirlishidu. Emma suning hejimi bolsa, bashqa barliq suyuqluqlarning del ekische, mu'eyyen issiqliqta yeni töt derije töwenliginiche bolghan ariliqta aziiydu. Uningdin kéyin yuqurlashqa bashlaydu. Su muz tutqanda hejimi suyuq halitige sélishturghanda chong, emma yenggil bolidu. Bu seweptin, muz sugha chökmeydu. Suning bu alahidiliki, soghuq rayonlarda, qish ayliridimu hayatliqning dawamlishishigha imkaniyet yaritip béridu. Déngiz, derya we köllerning üstide muz tutidu. Astida bolsa, mewjudatlar hayatliqini dawamlashturidu.

Suning issiqliq ötküzüsh xususiyti bashqa her qandaq suyuqluqtin töt hesse artuq. Muz we qarning bolsa töwen. Muz soghuqluqni su qatlimigha nahayiti az ötküzidu. Shuning üchün nöldin töwen 50 gradustimu, déngiz üstidiki muz qatlimining qélinliqi 1-2 métirdin ashmaydu. Fok béliqliri, pin'géwin we bashqa qutup haywanliri bu qélinliqtiki muzni téship, sugha chüsheleydu.

:::::::::::::::::::::::::::::::::::

«su hayatliqning asasi» déginimizde, mundaq bir heqiqetni nahayiti addi ipadiligen bolimiz.
Su barliq mewjudatlar üchün nahayiti muhim bolghan tebi'iy menbedur.
Bügün insanlarning éhtiyaji, iqtisadiy tereqqiyat, énérgiye ishlepchiqirish we dölet bixeterliki qatarliq köpligen sahelerde sugha munasiwetlik talash-tartishlar dawamlashmaqta.
Nahayiti tiz sür'ette köpiywatqan dunya nopusi we buning netijiside éshiwatqan sugha bolghan telep bilen birlikte siyasiy, iqtisadiy we muhit mesiliside, ziddiyetler keng-kölemde omumlishishqa qarap yüzlendi.
Su- zamanimizda nahayiti jiddiy mesililer ichidin orun aldi.
*************************

تولۇق ئوقۇش

Din we yashliq(2)


Hayatning menisi


(07-04-2009)Türkiye awazi radi'osi:

Essalamu eleykum qimmetlik qérindashlar!
Insanni bashqa mexluqlardin ayrip turidighan eng mohim amil eqil we hör irade sahibi bolghanliqidur. Ka'inattiki pütün mewjudatlar ichide peqet insanla öz mewjutliqini tonuydu. Bu ehwal tebé'iy halda insanni ölüm heqqide tepekkür qilishqa undeydu. Chünki öz mewjutliqini bilidighan insan haman bir küni ölidighanliqinimu chüshünüp yételeydu. Del mushu wejidin hayatning menisige da'ir so'allar isan'gha nisbeten intayin zor ehmiyetke ige. Shunisi iniqki, hayatning menisi heqqide toxtalghinimizda xalisaqmu yaki xalimisaqmu haman din heqqide toxtulushqa toghra kélidu. Chünki din asasy jehettin insan hayatigha mene bérishni özige asas qilidu.

Hem dinlarning tarixiy tetqiqati, hem insanshunasliq tetqiqati bizge insanlar topliship yashighan herqandaq yerde choqum dinningmu teng mewjut bolup kelgenlikini körsitip bermekte.
Dinni hazirqidek jem'iyetleshken haliti bilen emes, belki jem'iyetleshmigen tebi'iy haliti bilen oylunup köridighan bolsaq, insan mewjut bolghan herqandaq yerde meyli qandaqla bolmisun melum bir shekilde bir dinningmu mewjut bolup kelginini, shundaqla dinning özidiki tüp asas bolghan bir ilahliq étiqadningmu ezeldin mewjutliqini körüp yétimiz.

«qur'an kerim» butperes ereblerningmu asman-zéminni yaratqan bir ilahning mewjutliqigha ishinidighaliqini, biraq «chong ilahqa yéqinlashturidu» depla butlargha chuqunidighanliqini éytip béridu.
Dinlarning tarixi heqqide élip bérilghan tetqiqatlarmu «qur'an kerim»ning bu sözlirining toghriliqini ispatlap bermekte.
Shunisi ayanki, bir ilahliq étiqadining mewjutliqi hetta butpereslik eng ewjige chiqqan yerlerdimu meyli yépiq yaki ochoq melum bir shekilde özini hés qildürüp turidu.

Eger hazirqi dewrdimu butpüreslikning we köp ilahliq étiqadining ötmüshtiki izliri tekshürülidighan bolsa, dinning esli menbesi heqqide tedriji tereqqiyattin söz qilish xélila teske toxtaydu.
Biraq kishining étiqad dunyasigha qaraydighan bolsaq, tedriji tereqqiyattinmu bek, bir yüksilishtin we bir burulushtin söz qilish bir az imkanliqtek körinidu.

Eslide her bir insan özining iddiyiwiy hezimchanliqigha, bilim da'irisige we yashawatqan ijtima'iy muhitigha köre bir diniy chüshenchini hasil qilidu. Bu diniy chüshenche kishining özigila xas we kishining yétilish derijisi bilen oxshash tanasipliq bolup, wehiy insanlardiki bu xil xam diniy chüshenchini tüp asasqa ige qilip béridu. Shunga dinning esli toghruluq qandaqtur iptida'iyliqtin tereqqiyatqa yüzlinishtek tedriji tereqqiyattin söz qilish esla mümkin emes. Chünki qur'an kerim pütün peyghember élip kelgen dinlarning ezeldinla tewhidni, yeni bir ilahliq étiqadni asas qilghanliqini éytip béridu.

Köp ilahliq étiqadi bolsa, tewhid eqidisining yeni, bir ilahliq itiqadning kömülüp qélishi tupeyli insanning eng yaxshi körgenlirini yaki eng köp qorqqanlirini butlashturishi bilen meydan'gha kelgen. Eger qur'anni estayidil oquydighan bolsaq, insanning eqil arqiliq bir alahliq étiqadqa yétip baralishi toghruluq insan'gha ishench bériwatqanliqini, ilahning mewjutliqidinmu bekrek birlik mesilisi terepke insanlarning diqqitini tartiwatqanliqini körimiz. Tarixtin biri kelgen peyghemberlerning hemmisi aldi bilen insanlarni birla yaratquchining mewjutliqigha ishinishke, yeni tewhid eqidisige chaqirghan. Chünki étiqad dunyasi roshen bolmighan we tewhid eqidisge yétip kilelmigen kishiler aldigha uchrighan hemmila nersini asanla butqa aylandüriwalidu. Birinchi bolup, yaxshi körgenlirini yaki qorqqanlirini, andin mal mülük shan shöhret, arzu isteklirini but qiliwalidu. Yeni shulargha chuqunidighan boliwalidu. Buxil her bir butlashturush herkiti insanning öz erkinlikini qedemmu qedem yoq qilghanliqidin bashqa nerse emes.

Din bilen erkinlik otturisida intayin yéqin munasiwet bar.
Chünki insan yaritilishidin tartipla éshen'güchi mexluq supitide yaritilghan bolup, insanning ishen'güchi bolush xaraktiri özining mewjutliqini bilishtin bashlan'ghan bir ang bolup hésaplinidu. Yeni, «men yaritilghan bir janliq, méning öz özemni yaratmighinimgha asaslanighanda choqumki bir yaratquchum bar» dégen chüshenchining tereqqiyatidin bashlan'ghan jeryandur. Bu bir nuqtidin insanning özi heqqide izdinishi we özining heqqitige yétishi bolsa, yene bir nuqtidin, ilah heqqide izdinishi, dep atisimu bolidighan bir jeryan bolup hésaplinidu. Mesilige mana bu nuqtidin nezer salghanda, dinning asasini teshkil qilghan tewhid eqidisining insaniyetning iptidasidin tartipla mewjut ikenlikini chüshünüp yétish we tehlil qilish asan'gha toxtaydu. Chünki insan eqilliq mexluq bolup, bu eqil insanni biwaste ilahqa élip baridu. Bashqiche qilip éytqanda, insan eqlini toghra ishlitidighanla bolsa, ilahning mewjutliqidin ibaret heqiqetke asanla yétip baralaydu. Eslide ilahning mewjutliqigha ishinishning özila bir xil erkinliktur.

Yene bir tereptin jem'iyetleshken dinlerge qaraydighan bolsaq, jem'iyetlishishning biwaste xelqlerning tereqqi qilish derijisige köre shekillen'genlikini uchritimiz. Buni islamning özidinmu köriwilishqa bolidu. Peyghember eleyhissalam yashighan dewrdiki diniy qarash bilen kéyinki dewrlerde otturigha chiqqan diniy qarash bir birige oxshimaydu. Chünki dinlar özige egishidighan yaki özige ige chiqiwatqan xelqlerning tereqqi qilish sewéyisige köre jem'iyetlishish imkanlirigha ige bolidu.

Din insanning özini, ka'inatni we ka'inatta bolup ötiwatqanlarni chüshünüp yétishige we analiz qilishigha biwaste chungqur tesir körsitidu. Insan'gha mu'eyyen bir dunya qarash ata qilidu,
Bu nuqtini din bilen mediniyetning munasiwitige nezer salghinimizda asanla köriwalalaymiz.

Din- mediniyetning shekillinishide birinchi derijilik rol oynaydighan asasliq amil.
Belki «qur'an kerim»diki adem eleyhissalamgha pütün shey'ilerning isimlirining ügitilgenlikini din bilen mediniyetning munaswitige échilghan bir derize depmu izahlashqa toghra kélidu.
Din öz qurulmisi we fonkisiyisi jehettin insanni, insanning yüksek mediniyitini chüshünüp yétishte bir achquchluq rolgha ige qilidu.

Din heqqide toghra melumatqa ige kishiler bashqa insanlarni we mediyetlerni nahayiti asan analiz qilalaydu. Chünki din insanlarni insan bolushning ortaq menpe'etige sazawer qilidu. Pütün alaqe munasiwetlerning négizini ügitidu. Qisqartip éytqanda insanlarning din'gha tutqan pozitsiyisi meyli qandaq bolishidin qet'iy nezer, din insan hayatigha intayin chungqur tesir körsitidu. Kishining dindar bolishi yaki bolmasliqi mezkur tesirning derijisini belgilep béridu. Din mediniyetning shekillinishide intayin mohim rol oynighanliqi üchün mezkur mediniyet ichide yétishken herbir insan meyli selibi yaki ijabiy shekilde bolmisun choqum dinning tesirige uchrimay qalmaydu.

Méningche, bu jehettiki bilim boshluqining kélip chiqishigha, din heqqide bilimlik bolush bilen dindar bolushning bir birige arilashturwétilgenliki mohim sewep bolup qalghan. Shuni unutmasliq kérekki, dindarliq kishining özige xas tallashtur. Din heqqide toghra bilimge ige bolush bolsa, bilim igisi bolushning alemshumul teqezzalirining birsidur. Chünki din heqqide anche köp bilim igellimey turupmu dindar bolghili bolidu. Emma din heqqide toghra melumati bolmighan kishining bilim igisi hésaplinish yaki hésaplanmasliqi choqum munazire qilishqa tigishlik mohim mesile. Shunimu este tutush kérekki, din heqqide toghra melumatqa ige insanlar hem özini hem bashqilarni yaxshi chüshineleydu.

Hörmetlik qérindashlar! pütün ishlarning könglimizdikidek bolishini allahdin tilep, kéler hepte yene körüshkiche aman bolghaysiler. Xeyr xosh!
******************************************

تولۇق ئوقۇش

Chong döletlerning yéngi riqabet meydani


Chong döletlerning yéngi riqabet meydani-afriqa heqqide qisqiche analiz


(31-03-2009)türkiye awazi radi'osi xewiri:

Afriqa izchil halda, yawropaliqlarning riqabet meydani bolup keldi. Mustemlike rayonlarni bölüshüsh we bir-birlirige qarshi élip barghan pa'aliyetler, bezide bir-birlirining mustemlike rayonlirini tartiwélish ishlar, ularning otturisida soghuqchilarning peyda bolushigha, hetta toqunushlarning yüz bérishige sewep boldi.

1970-yillargha kelgende afriqa elliri musteqilliqlirige érishken bolsimu, mustemlikichi döletlerge bolghan iqtisadiy jehettiki béqindiliqliri tüpeyli, ular bilen yéqin munasiwet ornitishqa mejbur bolup qalmaqta. Afriqiliqlar, gherblik impiriyalist döletlerning tereqqiy qilishigha we béyishigha hem emgek küchi hemde döletlirining tebi'iy bayliqliri bilen hesse qoshup keldi. Gherb elliri, bayliqlirining asasini shekillendürighan sana'et xam maddiliri we énirgéyining asasliq qismini mustemlikisi astidiki afriqa elliridin ekilip ishlitidu.

Töwende gazi uniwérsitéti iqtisad we igilik bashqurush pakoltiti, xelq'ara munasiwetlerning bölümining bashliqi proféssor doktor heyder chaqmaqning bu témigha munasiwetlik analizini hozurunglargha sunimiz:
*************************

«soghuq urush dewri» axirlashqandin kéyin, 1990-yilidin 2000-yillarghiche bolghan ariliqta yawropaliqlar köprek sowit ittipaqidin ayrilip musteqil bolghan sherqiy yaropa döletliri bilen, ottura asiya, balqan, kapkaz rayonliri we ottura sherqtiki bayliqlarni bölüshüsh we saqliniwatqan mesililer bilen hepiliship keldi.
Amérikiliqlar bir tereptin, bu döletlerde yawropaliq ittipaqdashliri bilen birlikte heriket qilsa, yene bir tereptin eslidinla muhim munasiwetliri dawamliship kéliwatqan afriqa bilen bolghan munasiwetlirige sel qarimidi,
Amérika, afriqa bilen eng köp soda-tijaret munasiwiti ornatqan dölet bolup qaldi.
Amérikiliqlarning afriqida nuqtiliq döletke aylinishi fransiye, en'giliye, bilgiye we ispaniyige oxshash döletlerni bi'aram qilip qoyghanning üstige, goya yarisigha tuz sepkendek afriqida junggo bilen hindistan yéngi reqip süpitide otturigha chiqti.
Yawropaliqlar riqabetlishishtin hemmidin bek qorqidighan junggoni hazirdin bashlap qarilashqa kirishti.
Junggo bilen munasiwetlik deslepki prinsipliri ademge goya chaqchaqtek toyulidu.
Chünki, yawropaliqlar, junggoning afriqa qit'esining néfit qatarliq tebi'iy bayliqlirini shümüridighanliqini dewa qilidu. Esirlerdin boyan ular u yerde néme ish qildi?
Ikkinchi prinsipi afriqidiki démokratlishishning palech halgha chüshüp qalidighanliqi, déktatorluq tüzümlirining janlinidighanliqi we kishilik hoquqning yamanliship kétidighanliqini ilgiri süridu.
Chünki junggo shertsiz kridit we yardem bérish arqiliq démokratik bolmighan tüzümlerge téximu köp hayatliq pursiti yaritip béridighanliqini dewa qilishidu.
Bu toghra, lékin özlirimu esirlerdin béri bu rayonlardiki déktator tüzümlerning sayisida xelqning bayliqini shümürüshti.
Halbuki, démokratik tüzülmidiki döletler xelq we ularning dölitini shümürüshke yol qoymaydu.

Junggo dunyaning eng köp néfit import qilidighan döliti bolghanliqi üchün, ottura asiya, rusiye we ottura sherq néfitige ilawe halda afriqa néfitiningmu xéridari haligha keldi.
Junggoning afriqigha munasiwetlik töt asasiy meqsiti bar:
Birinchisi, imkaniyetning yétishiche néfit satquchi döletlerning qoligha qarap qalmasliq üchün, énirgiye sétiwélish menbelirini köpeytish,
Ikkinchisi sana'ette ishlitilidighan xam maddilargha erzan bahada ige bolush,
Üchünchisi, erzan we süpetsiz mallar üchün bazar tépish,
Tötinchisi bolsa, dunyadiki chong küchlerning biri bolush süpiti bilen afriqini qaniti astigha élish siyasitidin ibaret.
Junggoning bu töt türlük nishani gherbliklerning uyqusini qachurmaqta.

Junggo, besh yil tirishchanliq körsitish netijiside, texminen 60 milyard dollarliq yilliq tijaret hejmi bilen afriqining amérika we fransiyidin kéyinki üchinchi iqtisadiy shirikige aylandi. 1000gha yéqin junggo shirkiti we 150 ming junggoluq ishchi afriqigha orunlashti.
Gherblikler, junggoning sudan, zimbabuwi, an'gola we néjiriyige oxshash afriqa qit'esidiki ichki urushlar meydan'gha kelgen we diktator tüzümler bilen idare qiliniwatqan eller bilen hemkarliq ornitishini bir xeterlik ehwal süpitide, özlirining qayghulirining chiqish nuqtisigha aylanduruwaldi.
Junggo, afriqa istiratégiyisini «barawerlik, siyasiy sahede öz-ara ishench we iqtisadiy sahede öz-ara payda yetküzüsh» dep izahlap kelmekte.
***************************

Afriqa rehberliri junggoning gherb ellirige qarita nahayiti yaxshi bir reqip bolghanliqini we bu riqabettin afriqining payda alidighanliqini, gherbliklerning bolsa ötmüshtiki mustemlikisi yetmigendek, bügün'ge kelgende «yersharilishish» nami astida gherbleshtürüsh herikitini dawamlashturush arqiliq hem iqtisadiy, hem medeniy mustemlikisini dawamlashturuwatqanliqini otturigha qoyushmaqta.
Lékin shunimu qubul qilish kérekki, gherbliklerning junggo-afriqa hemkarliqigha qarita démokratiye, kishilik hoquq, chiriklik, yoqsulluq, yoqumluq késellikler, ichki urushlar we kirim teqsimatidiki tengpungsizliq dégen'ge oxshash mesililerdiki endishiliri orunluq.
Chünki héchkim junggoning afriqidiki bu mesililerge köngül bölidighanliqini otturigha qoyalmaydu.

Soghuq urushtin kéyin yultuzi parlighan we xelq'aradiki muhim siyasiy we iqtisadiy bir amil ornigha kélip qalghan hindistanmu afriqigha yéqindin köngül bölüshke bashlidi. Afriqa bilen yilliq tijaret hejmi 30 milyard dollargha yétidighan hindistan, junggo we gherbliklerning muhim bir reqibige aylinip qalmaqta.

Soghuq urushtin kéyin nahayiti köp dölet afriqigha köngül bölüshke bashlidi.
Bularning ichide muhim qedemlerni basqan döletlerdin braziliye we türkiye asasiy orunni igellimekte.
Tereqqiy qilghan döletlerning afriqigha köngül bölüshige heyran qalmasliq lazim.
Lékin yoqsul afriqa xelqining heqqi bolghan tebi'iy turmush éhtiyajliri yuqiridiki tereqqiy qilghan döletlerning rahet-paraghiti üchün tartiwélinmasliqi we insaniyetning izzet-étibarigha yarashmaydighan tüzümlerning astida yashawirishlirige sewep bolup qalmasliqi lazim.
Yawropa we amérikining mustemlikichilik pa'aliyetlirige ilawe halda qedimqi qit'e afriqida asiya mustemlikisi orun almasliqi lazim.

Yuqirida gazi uniwérsitéti iqtisad we igilik bashqurush pakoltiti, xelq'ara munasiwetlerning bölümining bashliqi proféssor doktor heyder chaqmaqning «afriqa berikiti» témisi astidiki analizini hozurunglargha sunduq.
*****************************

تولۇق ئوقۇش

«CUİ PRODEST» kim ghelibe qilidu?


Gherbliklerning aditi we xelq'ara munasiwetler


(10-04-2009) türkiye awazi radi'osi:

Rimliqlar chigish mesililerge duch kélip mesilini tüp yiltizdin chüshenmigen waqitlirida, yénidiki kishige
CUİ PRODEST yeni «kim ghelibe qilidu» dep sorap, özining menpe'etige munasiwetlik ehwalni chüshinishke tirishidikentuq.
Gherblikler, meyli shexsi mesililerde bolsun, meyli dölet ishlirida bolsun CUİ PRODEST chüshenchisige ige. Rasmunssénning bu qétim natoning bash katipliqigha saylinish jeryani del mushu chüshenche da'irisde royapqa chiqti.

Töwende ghazi uniwérsitéti iqtisad we igilik bashqurush pakoltiti, xelq'ara munasiwetler bölümining bashliqi proféssor doktor heyder chaqmaqning témigha munasiwetlik analizini hozurunglargha sunimiz:

Eza döletlerning bixeterlikini qoghdash burchi bolghan bir xewpsizlik orginining béshigha, shu organ'gha eza döletning bixeterlikige hörmet qilmaydighan we eza döletning dölet menpe'etige zit bolghan bir qatar qanunsiz pa'aliyetlerge ruxset qilghan we köz yumup turghan bir kishining kélishi, insanning idiyisidin peqetla ötmeydu.
Mundaqche qilip éytqanda, dunyaning bixeterlikide intayin muhim rol oynap kéliwatqan bir xewpsizlik orginining béshigha 1.5 milyard musulman xelqni renjitken shexs teyinlinidu.
Rasmussén ependi wezipisining teqezzasi boyiche, afghansitan, pakistan, se'udi erebistan, hetta iran'gha bérip qélishi mumkin, türkiyige purset tapsila neshtirini sanjip kéliwatqan mérkél bilen sarkozi rasmussén ependining islam döletlirige bolghan ziyaritini qaysi xil usulda orunlashturidikin tang?

Türkiyining pewqul'adde yuqiri mes'uliyet éngi we salmaqliq bilen yolgha qoyghan siyasetlirini «arqigha chékinish» dep qaraydighan gherblikler, esilide özlirining dunya köz qarishigha uyghun halda heriket élip barghan türkiyini qéyin ehwalgha chüshürüp qoyush arqiliq, özlirining dunya köz qarishigha tamamen zit halda heriket qildi.
Türkiye rasmussénning nato(NATO)ning bash katipliqigha békitilishige deslipide qarshi chiqqan bolsimu, kéyinche qobul qilishi mentiqiliq qarar chiqarghanliqining namayendisi bolup hésablinidu.
Bu del gherbliklerning köz qarishi boyiche heriket qilishtin ibaret.
Türkiye mushundaq mentiqiliq heriket qilmighan bolsa idi, bügünkidek netijige érishelmigen bolatti.
Mesilen, aldi bilen rasmussénning türkiyining dölet menpe'eti nuqtisidin yaxshi bir namzat emeslikini gherb dunyasigha yetküzgen boldi, buningdin bashqa, PKK mesilisining türkiyige nisbeten intayin sezgür bir mesile ikenlikini yawropa döletlirige yene bir qétim öz emeliyiti arqiliq uqturup qoyghan boldi.

Türkiye nato(NATO) bash katipliq wekilliki, afghanistan temsilchiliki we herbiy bashqurush ishlirida bashlamchiliq rolini oynidi, namzat bolmaqchi bolghan shexsler we nato(NATO)gha eza döletler türkiyining waqti kelgende özining milliy menpe'etini qoghdashta qilchimu ikkilenmestin heriket qilidighanliqigha shahit boldi.

Melum bir din'gha pütün küchi bilen hujum qilidighan we insanlarni renjititidighan söz-heriketler esla erkinlik hésablanmaydu. Bir dinning smwolliri söyülmesliki mumkin, biraq hörmet qilish medeniyet qa'idisi hésablinidu. Rasmussén ependi muhemmed eleyhissalamning obrazigha dagh keltürgen hejwi resim sizip chiqqan zhornalistni qoghdashning ornigha biterep orunda turghan bolsa idi, islam döletliri hergizmu bunchiwala ghezeplenmigen bolatti.

Türkiye 1952-yilidin béri nato(NATO)ning ezasi we 520 ming eskiri bilen teshkilatning ikkinchi chong qoralliq armiyisi hésablinidu. Türkiye, hem nato(NATO)ning barliq xelq'araliq pa'aliyetliride wezipe ötep kelmekte, hemde natoning prinsiplirigha boysunup kelmekte.
Sarkozining döliti 1966-yilidin 2009-yilighiche nede qalghan bolghiytti?
1990-yildin kéyin, gérmaniye bilen fransiye dunyaning özgergenlikini ilgiri sürüp, nato(NATO)gha we amérika qoshma shtatlirigha éhtiyaji chüshmeydighanliqini, buningdin kéyin yawropaning bixeterlikini özlirining qoghdiyalaydighanliqini jar sélishti.
«amérikiliqlar nato(NATO)ni bahane qilip turup yawropani sekresh taxtisi süpitide ishlitiwatidu, bu sewebtin warshawa shertnamisigha oxshash soghuq urushning mehsulati bolghan nato(NATO)mu taqilip kétishi kérek» dep jar sélishqan gérmaniye we fransiye, birdinla nato(NATO)ning pirinisiplirida ching turidighan we qoghdaydighan bolup qaldi we türkiyini tenqidleshke bashlighili turdi.
Bir qisim nato(NATO)gha eza döletlerning bash katipliq namzatini békitip bérish hoquqi bar.
Buning eksiche, bir qisimlirining pikir bayan qilish hoquqimu yoq.
Buninggha oxshash mu'amililer bizge her da'im chüshendürülüp kéliwatqan gherb medeniyitining rohigha peqetla mas kelmeydu.
Shunga ya gherb medeniyitini xata chüshendürüp kéliwatisiz yaki biz xata chüshünüp qéliwatimiz weyaki buning chüshendürüshni xalimaydighan yoshurun bir teripi bar.
Uning üstige türkiyige oxshash nato(NATO)ning eng muhim we sadiq bir ezasining nato(NATO)ning bash katipining saylinishida pikir bayan qilish hoquqi bar we buning üchün yene bir eza döletning ruxsitini élishqa éhtiyajimu yoq.
*******************************

تولۇق ئوقۇش

2009年4月4日星期六

NATOning qurulushi


NATOning qurulushi we arqa körünüshi


(04-04-2009)Türkiye awazi radi'osi:

shimaliy atlantik ehdi teshkilati(North Atlantic Traty Organization)-NATO, 1949-yili 4-aprilda qurulghan. Qurulush bayannamiside, teshkilatning asasiy meqsiti; «shimaliy atlantik rayonida muqimliq we parawanliqni kapaletke ige qilish bilen bir waqitta, yene eza döletlerning erkinliki, ortaq mirasi we medeniyetliri qoghdilidu» dep belgilen'gen.

Téximu éniq bayan qilishqa toghra kelse, NATOning qurulush meqsiti, ikkinchi dunya urushidin kéyinki soghuq urush mezgilide, sabiq sowét ittipaqining yawropada tesirini zoraytish yolidiki tirishchanliqlirigha qarshi turush idi. Teshkilatning en'giliye, fransiye, bilgiye, gollandiye, lyuksimborg, amérika, kanada, italiye, islandiye, daniye, norwigiye we portigaliye qatarliq 12 qurghuchi ezasi bar idi... Kéyinki yillarda türkiye, yunanistan (gritsiye), gérmaniye we ispaniye bu teshkilatqa kirdi...

Xelq'araliq herbiy we siyasiy bir teshkilat bolghan NATOning mewjut bolup turush sewebi, soghuq urush mezgilining axirlishishi bilen talash-tartish qilinishqa bashlidi. Lékin talash-tartishlar dawamlishiwatqan bir peytte, NATO yéngi ezalarning qatnishishi bilen kéngiyishke bashlidi... Sabiq warshawa shertnamisige eza döletlerdin chék jumhuriyiti, win'giriye we polsha qatarliq döletler 1999-yili shimaliy atlantik ehdi teshkilati (NATO)gha eza boldi. Buningdin kéyinki özgirish bolsa 2004-yili mart éyida meydan'gha keldi. Bu qétim sabiq sowét ittipaqi jumhuriyetliridin éstoniye, litwaniye we létonye bilen slowéniye, slowakiye, bulgharistan (bulghariye) we roméniye qatarliq eller NATOgha eza bolup kirdi.

Yuqirida, soghuq urush dewrining axirlishishi bilen birlikte shimaliy atlantik ehdi teshkilati(NATO)ning mewjut bolup turushi toghrisida talash-tartishlarning meydan'gha kelgenlikini tilgha élip ötken öttuq...

1990-yili londonda chaqirilghan aliy derijilikler yighinida bashlan'ghan bu talash-tartishlar, 1991-yili 11-ayda romada chaqirilghan aliy derijilikler yighinida közge körinerlik derijide otturigha chiqti we bu yighinning axirida shimaliy atlantik ehdi teshkilati(NATO) üchün yéngi bir qurulma, wezipe sahesi we mes'uliyetler békitip chiqildi... Yighinning axirida, buningdin kéyin yawropagha qarita keng kölemlik hujum tehdidining yoqluqi otturigha qoyulghan bolsimu, yenila yadro qoralliri, muqimsizliq we turaqsizliqlargha yéngi bir tehdit süpitide qariliwatqanliqi tekitlendi. Shimaliy atlantik ehdi teshkilati(NATO)ning nöwettiki yéngi yönilishi yawropada xatirjem weziyet yaritish, muqimliq we istiratégiye tengpungluqini qolgha keltürüsh, tinchliqni muhapizet qilish we krizislerni idare qilish... Qatarliqlardin ibaret idi.

1994-yili chaqirilghan bryussél aliy derijilik rehberler yighinida tinchliq üchün hemkarliq ornitish layihisi qobul qilindi... Bu layihining nishani, bir tereptin sotsiyalizim lagérigha tewe döletlerning démokratiklishishini qollap quwetlesh bolsa, yene bir tereptin mezkur teshkilatning sherqqe qarap kéngiyishini kapaletke ige qilish idi. Sotsiyalizim lagérigha tewe döletlerning teshkilatqa ezaliqi mezkur layihe da'iriside élip bérildi. Teshkilat, 1995-yilning axirida, birleshken döletler teshkilati teripidin bérilgen hoquqqa tayinip turup, tarixida tunji qétim, köp döletlik bir küch teshkillep chiqti. Köp döletlik herbiy qismning wezipisi, bosna hersektiki tinchliq kélishimnamisining herbiy sahege munasiwtlik maddilirini ijra qilishtin ibaret idi.

1999-yili kosowada turushluq sirp herbiy qisimlirini kosowadin mejburi chékindürüsh üchün, NATO on bir hepte uda yugoslawiyini hawadin bombardiman qildi. Bu qétimqi hawadin bombardiman qilish, natoning tarixida tunji qétim élip barghan keng da'irlik herbiy heriket bolup hésablinidu.
NATO, 1999-yili u dewrining shert-shara'itige asasen özning qurulush meqsiti we nishanini qaytidin közdin kechürüp, siyasi muqimsizliq, teshkillik halda élip bérilghan jinayetler, keng da'irlik qirghuchi qorallarning tarqilishi, yadro qorallar qatarliqlar eyni dewirning asasliq tehditliri, dep békitip chiqqan we tunji qétim térrorizm we «hayatliq menbelirining üzülüp qélishi»nimu tehdit qatarigha kirgüzgen...

Yawropa-atlantik bixeterlikining kapaletke ige qilinishi, mudapi'e jehettin hemkarliq ornitish, krizisqa qarshi taqabil turush komitéti, hemkarlishish, ittipaqlishish, di'alog, kéngiyish, herbiy telim- terbiyining kücheytilishi, qoral- yaraqlarning kontrol qilinishi we qoralsizlandurush qatarliq mesililer natoning asasliq wezipiliri qatarigha kirgüzüldi. 11-sintebir weqesi natogha nisbeten tarixiy burulush nuqtisi bolup hésablinidu. Eyni dewirning nöwetchi bash katibi, natoning qurulushida türtkilik rol oynighan washin'giton ehdinamisining 5-maddisni derhal ijra qilishni bashliwetken. Chünki, amérika qoshma shtatlirigha qilin'ghan hujum, NATOgha qilin'ghan hujum bolup hésablinatti.

NATO, 2003-yili tunji bolup, yawropaning sirtida herbiy heriket élip bardi. NATO, afghanistanning paytexti kabul we etirapidiki rayonlarda, birleshken döletler teshkilatning qarari bilen teshkillen'gen tinchliqini saqlash qisimlirining, istratégiyilik qomandanliqini üstige aldi... Iraq ishghal qilinishtin ilgiriki we kéynki mezgillerde peyda bolghan talash tartishlar, natoning tarixida jiddiy krizsining peyda bolushini keltürüp chiqardi, chünki eza döletlerning köpinchisi ishghaliyetchi qisimlar qataridin orun alghan bolsimu, lékin NATO bir gewde süpitide ishghaliyetchi qisimlar qataridin orun almidi. Natogha eza döletler, hazirimu natoning qurulush meqsiti we mewjutluqi heqqide talash- tartish élip barmaqta.
*************************************

تولۇق ئوقۇش