2009年5月7日星期四

Din we dunya (4)



دىنىمىزدا تەن-ساغلاملىقنىڭ ئەھمىيىتى


(29-04-2009)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:
دىنىمىز ئىنساننىڭ ھەم خاراكتېر ساغلاملىقىغا، ھەم بەدەن ساغلاملىقىغا يوقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ھاياتنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى كۆتۈرەلەيدىغان ۋە مۇشكۇلاتلىرىغا سەۋر قىلالايدىغان بولۇش ئۈچۈن، ئىنساننىڭ ئالدى بىلەن ساغلام بىر قورۇلمىغا ئېھتىياجى بار.

ساغلام ئىنسان، كۈچلۈك ئىنسان دېمەكتۇر.
كۈچلۈك مۆمىننىڭ ئاجىز مۆمىندىن ياخشى ئىكەنلىكىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدىن كۆرىۋالالايمىز:
«ھەممىسى خەيرلىك بولۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە كۈچلۈك مۆمىن، ئاجىز مۆمىنگە قارىغاندا، خەيرلىكرەك ۋە سۆيۈملۈكرەكتۇر.»
(تاللانغان ھەدىسلەر، 2-جىلد، 183-بەت، 85-نومۇرلۇق ھەدىس.)

ئىنساننىڭ توغرا، ياخشى ۋە گۈزەل ئىشلارنى ئىزچىل قىلالىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ساغلام بولۇشى كېرەك.
مانا بۇ نوقتىدىن، ساغلام بولۇش، ئەينى زاماندا ئەخلاقىي ۋە بۇ سەۋەپلىك ئىنسانىي مەجبۇرىيەتتۇر.
چۈنكى سالامەتلىكى ناچار بىر كىشى، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلالمايلا قالماستىن، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگىمۇ يۈك بولۇپ قالىدۇ.

ئىسلام دىنى، ھەر قانداق بىر كېسەللىككە دۇچار بولغاندا، قىلىنىشى كېرەك بولغان بىرىنچى ئىشنىڭ داۋالاشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە خۇراپاتلىقلارغا ئېسىلىش ئارقىلىق داۋا ئىزدەشنى چەكلەيدۇ.
باشقا ھەر قانداق مەسىلىدىكىگە ئوخشاشلا، ساغلاملىق-سالامەتلىك مەسىلىسىدىمۇ، ئىشنىڭ ئەھلىگە بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
كېسەل بولغان ھامان داۋالاش يوللىرىنى ئىزدەش لازىم،
چۈنكى ئىسلام ئېتىقادىدا شىپاسى تېپىلمايدىغان كېسەل يوقتۇر.
پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ:
«جانابى ئاللاھ، ياراتقان ھەر قانداق دەردنىڭ شىپاسىنىمۇ ياراتقان.»
(تەجرىد، 3-جىلد، 75-بەت.: 1920-نومۇرلۇق ھەدىس)

داۋاسى تېپىلمايدىغان كېسەللىكنىڭ يوقلىقى چۈشەنچىسى، ناھايىتى مۇھىم بىر ئاساستۇر؛
بۇ چۈشەنچە، كېسەللىككە دۇچار بولغان كىشىنى ئۈمىدسىزلىككە دۇچار بولۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ، دۇچار بولغان كېسەللىكتىن قۇتۇلۇش ئۈمىدى بېغىشلايدۇ.
مانا بۇ، مەسىلىنىڭ شەخسكە مۇناسىۋەتلىك تەرىپىدۇر.
ئەمما، تېخىمۇ مۇھىم بولغان ئىككىنچى بىر تەرىپى بولسا، ئىلمىيلىككە ئۇيغۇن بولۇشىدۇر:
«شىپاسىز كېسەللىك يوق» پرىنسىپى ئىلىم ئەھلىلىرىگە جاسارەت بېغىشلايدۇ.
بۇ پرىنسىپ، ئىلىم ئەھلىنى يالغۇز ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپلا قالماي، بۇ ئىشنىڭ يەنە، بىر دىنىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.

داۋالىنىش ياكى داۋالانماسلىق توغرىسىدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ قارىشىنى سورىغان كىشىلەر بىلەن پەيغەمبىرىمىز ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنۇ دىئالوگقا نەزەر سېلىپ ئۆتەيلى:
«داۋالىنايلىمۇ؟ دەپ سورىغان قىر ئەرەبلىرىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ‹شۇنداق، داۋالىنىڭلار. چۈنكى ئاللاھ، شىپالىق بەرمەيدىغان ھېچقانداق كېسەلنى ياراتمىغاندۇر. شىپاسى تېپىلمايدىغان بىرلا كېسەللىك باردۇر، ئو بولسىمۇ قېرىلىقتۇر.›»
(ئەخلاق ھەدىسلىرى، 1-جىلد، 305-بەت. 291-نومۇرلۇق ھەدىس.)

كېسەللىككە دۇچار بولۇپ قالغاندا، داۋالىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ھەممە ئىشنى قىلىش، ھەم ئەقىلنىڭ ھەمدە دىنىمىزنىڭ تەقەززاسىدۇر.
ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ كېسەل بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھازىرلاشقا تېگىشلىك بارلىق تەدبىرلەرنى ئالدىن ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئىنساننىڭ ئەقلى، روھىي ۋە بەدەن ئىقتىدارلىرىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغان ھەر تۈرلۈك زەھەرلىك چېكىملىك ۋە مەست قىلغۇچى ماددىلارنى چەكلەيدۇ. يوقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ئۇزاق تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. تازىلىققا ھەر قانداق نەرسىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئىسلام دىنى، ئىنساندىن سالامەتلىكىنىڭ ھېمايە قىلىنىشى ئۈچۈن، ئېلىشقا تېگىشلىك ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئالدىن ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز: «ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى، ئىككى نېمەتنىڭ قىممىتىنى ھەقىقىي مەنىدە چۈشىنىشتە خاتالىشىدۇ. بۇلار سالامەتلىك ۋە بوش ۋاقىتتۇر.» دەيدۇ.

ئىنساننىڭ سالامەتلىكىنى ئاسرىشى، ئۆزى ئۈچۈن ئادا قىلىشى كېرەك بولغان ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلالىشى ئۈچۈن، ئىنساننىڭ قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى مۇنۇ نوقتىلارغا يېغىنچاقلىشىمىز مۇمكىن:
تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش،
مەست قىلغۇچى نەرسىلەر ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەردىن يىراق تۇرۇش،
يوقۇملۇق كېسەللىكلەردىن قېچىش ۋە دىن تەرىپىدىن ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىش.

قۇرئانى كەرىمدە پاكىز ئىنسانلار ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«ئۇ يەردە پاك بولۇشنى خالايدىغان كىشىلەر باردۇر. ئاللاھمۇ پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.»
پاكىزلىق، ھەر خىل كىر ۋە مەينەتلىكلەردىن پاكلىنىش، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
كىر ياكى مەينەت نەرسىلەر يا ماددىي ياكى مەنىۋىي بولىدۇ.

ماددىي كىر ياكى مەينەتچىلىكنىڭ دائىرىسىگە، كۈندىلىك ھاياتىمىزدا بەدىنىمىزنى، كېيىم-كىچەكلىرىمىزنى، ئۆيىمىزنى ۋە ماددىي مۇھىتىمىزنى بولغايدىغان پۈتۈن نەرسىلەر كىرىدۇ.
ئۇمۇملاشقان مەنىسىدە مەنىۋىي كىر ياكى پاسكىنىلىق، ئىنساننىڭ ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكلەرنىڭ ئورنىغا يامانلىقلارنى ئويلىشى، ئەيىپ، گۇناھ ۋە رەزىل ئىشلارغا يۈزلىنىشىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ.
كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش، يالغان ئېيتىش، تۆھمەت چاپلاش، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشقا ئوخشىغان كۆپلىگەن ناچار خۇيلارنىڭ ھەممىسى، مەنىۋىي كىر ياكى مەينەتلەر ھېسابلىنىدۇ.

بىز يوقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتى كەرىمىدە، ئاللاھنىڭ دوست تۇتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن پاك كىشىلەر، ھەم ماددىي ھەم مەنىۋىي كىرلاردىن پاك كىشىلەردۇر.
بۇ ھەقتىكى يەنە بىر ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداقتۇر:
«ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، سىلەرنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھدىن) پاك قىلىدىغان، سىلەرگە كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى دىنىي ئەھكاملارنى) ئۆگىتىدىغان، سىلەرگە بىلمىگەنلىرىڭلارنى بىلدۈرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.»
(بەقەرە سۈرىسى، 151-ئايەت)

ئىسلام دىنى پاكىزلىقنى بىر مەنىدە سالامەتلىكنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان شەرتى، دەپ قارايدۇ.
شۇڭا، پاكىزلىق بىلەن ئىبادەت ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ،
پاكىزلىقنى گويا بىر ئىبادەت شەكلىگە ئېگە قىلىدۇ.
شۇبھىسىزكى ئىسلام دىنى پاكىزلىققا پەقەت مۇئەييەن ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش قويۇلغان بىر ئالدىنقى شەرت، دەپ قارىمايدۇ.

دىنىمىزنىڭ پاكىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلىق پرىنسىپلىرىنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە بايان قىلىپ تۆگىتىش مۇمكىن ئەمەس.
لېكىن، دىنىمىزنىڭ پاكىزلىق مەسىلىسىدىكى قارىشىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۆۋەندە بايان قىلىدىغان ھەدىسى شەرىپنىڭ ئۆزىنىلا يېتەرلىك، دەپ قارايمىز.
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر› دېگەن.»
(ياخشىلارنىڭ باغچىسى، 25 – نومۇرلۇق ھەدىس)

پەيغەمبىرىمىز بۇ ھەدىسى بىلەن، ئىنساننىڭ پاكىزلىقى بىلەن ئىمانى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلىتىپ بېرىدۇ.
بۇ، شۇنى كۆرىسىتىپ بېرىدۇكى، ئىمان ئېيتقان كىشى، يالغۇز بىر قاتار پرىنسىپلارغا ئىشەنگەنلىكىنى ئېيتىپلا بولدى قىلمايدۇ؛ مۇئەييەن ئىبادەتلەرنى شەخسى نوقتىدىن ئادا قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ.
ئەكسىچە ئىمان ئېيتقان كىشىنىڭ ئىمانى ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ئەكس ئېتىدۇ ۋە نەتىجىدە ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن پاك-پاكىز بىر كۆرۈنۈش بېغىشلايدۇ.

«پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېگەن ھەدىسى، ئىسلامنىڭ ئىمان چۈشەنچىسىنىڭ قانچىلىك دىنامىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش نوقتىسىدىنمۇ مۇھىم.
بۇ يەنە، ئىنساننىڭ ھاياتىنى شەكىللەندۈرەلمىگەن، يۇرۇش-تۇرۇشىنى تەرتىپكە سالالمىغان بىر ئىماننىڭ، ئىسلام تەلەپ قىلغان دەرىجىدىكى ئىمان ئەمەسلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شۇڭا ئىسلامنىڭ ئىمانىغا ساھىب بولغان كىشى، ھەممە نەرسىدىن بۇرۇن سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بىرىدۇ، ھالال ۋە ھارام بەلگۈلىمىلىرىگە ناھايىتى يوقىرى دەرىجىدە بويسۇنىدۇ.

**********************

没有评论:

发表评论