2009年5月7日星期四

Xelq'araliq irqiy kemsitishke qarshi türüsh yighini



خەلقئارالىق ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۈرۈش يىغىنى


(01-05-2009)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:
شىۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2009-يىلى 20-ئاپرېلدىن 21-ئاپرېلغىچە 185 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن خەلقئارالىق ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۈرۈش يىغىنى چاقىرىلدى.
مەزكۇر يىغىندا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تاقابىل تۇرۇش يوللىرى ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئۇسۇللىرى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

تۆۋەندە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش پاكولتىتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور ھەيدەر چاقماقنىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز:

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، كانادا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئاۋىستىرالىيە، گوللاندىيە، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىشتىراك قىلمىدى.
يىغىنغا قاتناشقان كۆپ قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ خىلدىكى يىغىنلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە ئوچۇق-ئاشكارا ھاقارەت قىلىش سورۇنى قىلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىندىن مەمنۇن بولمىغانلىقلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.
بىئارام بولغانلارنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلىيە ئەڭ باشتا كېلەتتى.
ئىسرائىلىيە رادىكال ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت بولغان بايانلىرىدىن ئىنتايىن بىئارام بولدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئىران جۇمھۇر رەئىسى مەھمۇد ئەھمەدى نىجاد، ئىسرائىلىيىنى دۇنيا خەرىتىسىدىن چىقىرىپ تاشلاش كېرەكلىكىنى ۋە ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۆلۈم لاگېرلىرىنىڭ بىر ئەپسانە ئىكەنلىكىنى دېگەن.
ئىسرائىلىيە بۇ يىغىنغا ئۆزى قاتناشمىغان ھەم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى كۈچلۈك لوبىلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قاتناشماسلىققا قايىل قىلغان ئىدى.
ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن بىئارام بولغان ۋە بۇ ئىشنى دەرھال دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈپ بولغان.
ئىسرائىلىيە خەلقئارالىق يىغىنلارغا ھەمىشە ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلمەكتە، ھەمدە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىپ كېلىۋاتىدۇ.
لېكىن بىر نەچچىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا،
2001-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا بىرىنچى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يىغىنىدا كۆپ ساندىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

.............

دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ھېساپ سورىغانلىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغىنىمىزدا، يىغىندا شۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلار تىلغا ئېلىندى.
ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش، چەتئەللىكلەرگە دۇشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراش، جىنسىيەت تەڭسىزلىكى، بىر-بىرىگە قوپال مۇئامىلە قىلىش، كۆچمەن ئىشچىلار ۋە يېڭىدىن ئەۋج ئالغان قۇللۇق قاتارلىق تېمىلار بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى تەشكىل قىلدى.
ئافرىقا، يىراق ئاسىيا، شەرقىي ياۋروپا ۋە بالقان رايونى قاتارلىق دۆلەتلەردىن غەرب دۆلەتلىرىگە ئىشلەش ئۈچۈن كەلگەن ئىنسانلار غەرب دۆلەتلىرىدە قانۇنسىز، ھېچقانداق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سۇغۇرتىسى بولمىغان ئىشلاردا يېڭى بىر قۇللۇق تۈزۈمى ئاستىدا خىزمەتكە سېلىنماقتا.
بۇ ئىشنىڭ ھەيران قالارلىق تەرىپى شۇكى، غەربلىك خوجايىنلار بۇ ئەھۋالنى يوشۇرماستىن، كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇنداق ئىشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەرزان ئەمگەك رېقابەت كۈچلىرىنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنماقتا.

سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان ئېتنىك توقۇنۇشلار قىرغىنچىلىققا قەدەر تەرەققىي قىلدى.
مەسىلەن، بالقانلار يۇگۇسلاۋىيە يىمىرىلىش جەريانىدا بۇ خىل ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.
ئوخشاش بىر دۆلەتنىڭ 50 يىل ئورتاق پۇقراسى بولۇپ ياشىغان ئىنسانلار بىر-بىرىلىرىنى ۋەھشىلەرچە ئوققا تۇتتى.
غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلىشىدە چىڭ تۇرىۋالغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمونغا خېلىلا ئاچچىقى بار.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ قېتىمقى يىغىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن چاقىرىلغانلىقى ئۈچۈن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى رەت قىلىشى ھوقۇقىنى ئىشلىتەلمىگەن.

شەرق مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرىدە ئىرقىي ئايرىمچىلىق چۈشەنچىسى ياكى ئەھۋالى ئۇ قەدەر ئومۇملاشمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەڭ ئۈستۈن ۋە تاللانغان قەۋم چۈشەنچىسىمۇ ئومۇملىشىپ كەتمىگەن.
غەربلىكلەردە بولسا 17-ئەسىردىن ئېتىبارەن مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەتلەردە مۇستەملىكە خەلقىدىن ئۆزلىرىنى ئۈستۈن بىر مىللەت، دەپ قارايدىغان قاراشلار ۋە ئەنئەنىلەر كەڭ ئومۇمىلاشقان.
1960-يىللاردىن كېيىن، بۇرۇنقى مۇستەملىكە دۆلەتلىرىدىن سانائەتتە ئىشقا سېلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن كۆچمەن ئىشچى ئېلىپ كېلىپ، ئۈستۈن ئىرق بولۇش پىسخىكىسىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرگەن ئىدى.
ئېزىلگەن، خورلانغان ۋە ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلىنغان ئىنسانلارنىڭ دۆلەتلىرى، خەلقئارالىق يىغىن ۋاستىسى ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىگە بولغان نارازىلىقىنى غەرب دۆلەتلىرىگە دادىللىق بىلەن يەتكۈزمەكتە.
لېكىن بۇ دادىللىق بىلەن ئېلىنغان قەدەملەر غەرب دۆلەتلىرىنى تولىمۇ بىئارام قىلىپ كەلمەكتە.

****************************

没有评论:

发表评论