2009年5月6日星期三

In'gilizlarning iraq ishghaliyiti axirlishamdu?



ئىنگىلىزلارنىڭ ئىراق ئىشغالىيىتى ئاخىرلىشامدۇ؟


(05-05-2009)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا ئىراقنى ئىشغال قىلىۋالغان ئەنگلىيە 1959-يىلى ماي ئېيىدا ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈش ئارقىلىق قىرىق يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئىشغالىيەتتىن كېيىن، ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.
ئەنگلىيە، تۈركلەرگە قارشى ئەرەبلەر ۋە ئىراق كۇرت(كورد)لىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، مۇسۇل ۋە كەركۈك ۋىلايەتلىرىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قولىدىن مەجبۇرى تارتىۋېلىنىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.
ئىراقنىڭ چېگرىلىرىنى، بايرىقىنى، ئېتنىك تۈزۈلمىسىنى ۋە سىياسىي سىستېمىسىنى ئەنگلىيە بىۋاسىتە ئۆزى بېكىتىپ چىققان ئىدى.
تۈركلەرنىڭ قولىغا نېفىت بار رايونلارنىڭ ئۆتۈپ كەتمەسلىكىنى كۆزلەيدىغان ئەنگىلىيىنىڭ مەقسىتى مۇسۇل ۋە كەركۈكنى يېڭىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىلىدىغان ئاجىز بىر ئىراققا قالدۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت ئىدى.

تۆۋەندە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش پاكولتېتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور ھەيدەر چاقماقنىڭ بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز:

..........................
ئەنگلىيە ئەينى ۋاقىتتا كۇرتلەرنىڭ دۆلىتىنى ئاسانلا قۇرۇپ چىقالايتتى، لېكىن كەلگۈسى بىر چاغلاردا كۇرتلەردىن پايدىلىنىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، كۇرت دۆلىتىنى قۇرمىدى.
شىئە، سۈننى، كۇرت، تۈركمەن ۋە باشقا ئاز سانلىقلاردىن تەركىپ تاپقان كۆپ قاتلاملىق، چىگىش مەسىلىلىرى ناھايىتى كۆپ بىر دۆلەت قۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىگە ئىزچىل ھالدا ئېھتىياجى چۈشۈپ تۇرىدىغان بىر ئىراق قۇرۇپ چىققان ئەنگلىيە، 1958-يىلى مەيدانغا كەلگەن مىللەتچى ھەربىي ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسىدە 1959-يىلى ئىراقنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى.
2003-يىلى مارت ئېيىدا ئەنگلىيە ئىراققا قايتىپ كەلدى.
1918-يىلقىغا ئوخشاشلا يەنە بەسرە پورتى ۋە رايونىنى ئىشغال قىلدى.
2003-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە داۋاملاشقان ئىنگىلىزلارنىڭ ئىراق ئىشغالىيىتى 2009-يىلى ئاپرىل ئېيىدا ئاخىرلاشتى.
بۇ جەرياندا 179 نەپەر ئەنگلىيىلىك ۋە 55 نەپەر ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەرلىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان 5000 مىڭغا يېقىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە مىڭلىغان ياردارلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، تولىمۇ ئاز بىر سان ھېسابلىنىدۇ.
ئىراق تەرەپتىن ئۆلۈپ كەتكەن مىڭلىغان كىشىلەرنى ئېتىبارغا ئالغىنىمىزدا، بۇ ساننىڭ تولىمۇ ئاز بىر سان ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئەسلىدە ئىنگىلىزلارنىڭ ئىراقتىكى ئەسكىرى مەۋجۇتلۇقى بىز ئويلىغاندەك تامامەن ئاخىرلاشقىنى يوق.
نۆۋەتتە، ئىراقتا 500 گە يېقىن ئىنگىلىز ئەسكىرى بار.
ئەنگلىيە ئىراقتىكى مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئەتراپلىق بىر كېلىشىم تۈزدى.
نېفىت، گاز ۋە مۇداپىئىگە كېرەكلىك ئەشيالارنى ۋە قورال-ياراغلىرىنىڭ سېتىۋېلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋالدى.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىكى ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىشىدىكى
بىرىنچى سەۋەب: ئەنگلىيە ئىقتىسادىنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىشى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئامېرىكا ئىقتىسادى بىلەن بولغان يېقىن ھەمكارلىقى ۋە ئەنگىلىيىنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سىياسەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى.
ئىككىنچى سەۋەب: ئىچكىي-تاشقىي جامائەتچىلىكنىڭ ئىراقنىڭ ئىشغالىيىتىگە تېخىمۇ بەكرەك نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىشى، بولۇپمۇ ئەرەب خەلقىنىڭ بىئاراملىقى.
ئۈچىنچى سەۋەب بولسا: ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن مەقسەتلىرىگە يەتكەن بولۇشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئىراقتا قانچىلىق پۇل سەرپ قىلغانلىقىنى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئورتاقلاشسىمۇ، ئىراقنىڭ قانچىلىق نېفىت ۋە گازىنى ئېلىپ كەتكەنلىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمەيۋاتىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن چەتئەل ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى خوشاللىنارلىق بىر ھادىسە، ئەلۋەتتە.

**************************

没有评论:

发表评论