2009年5月7日星期四

Türkiye penjirisidin ottura sherqqe nezer



تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر


ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ئەلچىسى جورچ مىتچېلنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى توغرىسىدا


(04-05-2009)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:
ئوتتۇرا شەرقتە يەنە قويۇق دىپلوماتىيە قاتنىشى داۋاملاشماقتا.
بۇ دىپلوماتىيە قاتنىشىنىڭ باش رولچىسى بولسا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ئەلچىسى جورج مىتچېل بولۇپ، جورچ مىتچېلنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىن باشلىنىپ، پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىگىچە سوزۇلغان بۇ قېتىملىق زىيارىتى، ئوتتۇرا شەرقتە دىموكىراتىكلىشىش مەسىلىسىدىن پەلەستىن مەسىلىسىگە، لىۋاندىكى سايلاملاردىن ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيە پىلانىغىچە بولغان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى مەقسەت قىلاتتى.
بۇ سەۋەپلىك بۇ ھەپتىلىك پروگراممىمىزنى مىتچېلنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە ئوتتۇرا شەرقتە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرگە ئايرىدۇق.

..................................

مىتچېلنىڭ زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى شىمالىي ئافرىقا بولدى.
شىمالىي ئافرىقىدا فاس ۋە ئالجىرىيىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكىلىق ئەمەلدار، بۇ رايونلاردا مەركەزلىك ھالدا دىموكىراتىكلىشىشنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
ۋەزىپىگە تەيىنلەنگىنىدىن بۇيان ئوتتۇرا شەرق رايونىنى ئۈچىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان مىتچېلنىڭ زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسى ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن بولدى.
ئامېرىكىلىق ۋەكىلنىڭ زىيارەت پىلانىغا سۈرىيىنى كىرگۈزمەسلىكىمۇ رايوندا كۆپلىگەن سوئال بەلگىلىرىنى پەيدا قىلدى.
ئوباما پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، دەمەشق بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىللىق ھاۋاغا قارىماي، مىتچېلنىڭ زىيارەت پىلانىغا سۈرىيىنى كىرگۈزمەسلىكىنى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قەدەر تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى، دەپ قاراش مۇمكىن.

نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ تۇنجى قېتىملىق زىيارەت ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ناھايىتى ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.
مىتچېل زىيارىتىنىڭ ئىسرائىلىيە قىسمىدا، پرېزىدېنت پېرېس، باش مىنىستىر نېتانياھۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىئېبېرمان، باش قوماندان گابى ئەشكانازى ۋە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى ترىپى لىۋنى بىلەن ئۇچراشتى.
مىتچېل-نېتانياھۇ ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا چىققان كۆرۈنۈش تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىجابىي نەتىجە بېرىدىغان بىر باسقۇچقا كىرىشىنىڭ قېيىنلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى.
نېتانياھۇ، ئۇچرىشىشلار باشلىماستىن بۇرۇن پەلەستىن تەرەپنىڭ ئىسرائىلىيىنى بىر يەھۇدى دۆلىتى، دەپ ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھالبۇكى بۇ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدىكى ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان كۆچمەنلەر مەسىلىسى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تولىمۇ ھالقىلىق بىر مەسىلە.
نېتانياھۇ تىلغا ئالغان بۇ مەسىلە، 1948-يىلىدىن بۇيان ئۇرۇشلار ۋە توقۇنۇشلار تۈپەيلى مەجبۇرى كۆچۈرۈلگەن ياكى ئۆيلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشلىرىنىڭ ئالدىدىكى ناھايىتى مۇھىم توسالغۇ پەيدا قىلماقتا.
دەرۋەقە بۇ مەسىلە، پەلەستىن تەرەپ ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
ئۇچرىشىشلار باشلاشتىن بۇرۇن پەلەستىنلىكلەرنى بۇ شەكىلدە بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلاش تىنچلىق ھەرىكىتى مۇزاكىرىلىرىنى باشلىماي تۇرۇپلا ئاخىرلاشتۇرۇش، دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.
مىتچېل زىيارىتى ئەسناسىدا كۆرۈشكەن «ئىسرائىلىيىنىڭ بۈركۈتى» دەپ قارىلىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىئېبېرمانمۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ پاتقاققا پېتىپ قالغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە بەك ئالدىراپ كەتمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ يېڭى بىر نوقتىئىينەزەر ئاستىدا باشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان لىئېبېرمان، بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ يول قويغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلىيىنىڭ كۆپ نەرسىلەرنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىككى مىنىستىرىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى پەلەستىنلىكلەرنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

مىتچېلنىڭ ئىسرائىلىيىدىن كېيىنكى بېكىتى بولغان پەلەستىندە، ھاماسقا قارشى تۇتۇلغان پوزىتسىيىلەرگە ئوخشاشلا، تىنچلىق ھەرىكىتىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلىگەن يېڭى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ يالغۇزلاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
لېكىن بۇ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىدىغان بىر خىل تەلەپتەك قىلمايدۇ.
شۇڭا، ئىسرائىلىيىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بەزى تالاش-تارتىشلارنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقى روشەن كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.
مىتچېل ۋە پەلەستىن تەرەپ ئىزچىل ھالدا ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىدە يارىشىشنىڭ ئاساسىي يولىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك بىر خىل ھەل قىلىش چارىسىنى بېسىپ ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرۈشسىمۇ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلار ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭمۇ ئەمدى ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى، ھەم ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لېئېبېرماننىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى، دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشلىرى بولدى.
ئەسلىدە ئۇچرىشىشلار ئەسناسىدا ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجىلەرنىڭ بىرى، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى سىياسىتىنى تېخىغىچە مۇئەييەنلەشتۈرمىگەنلىكىدۇر.
ئوخشاش بولمىغان ئىدىئولوگىيىلىك قورۇلمىلارغا ئىگە ۋە پەرقلىق قاراشلارغا ئىگە بولغان پارتىيىلەردىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بالدۇرراق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ ماي ئېيىدا ئېلىپ بارىدىغان ئامېرىكا زىيارىتىدىن بۇرۇن ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسەت پرىنسىپلىرىنىڭ مۇئەييەنلىشىپ بولىدىغانلىقى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئېغىر دەرىجىدە بىر ئوقۇشماسلىقنىڭ مەيدانغا كېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

...................................

مىتچېل زىيارىتىنى پەلەستىندىن كېيىن مىسىر ۋە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن داۋاملاشتۇردى.
مىتچېلنىڭ مىسىر ۋە ئىران زىيارىتى بولسا، ئاساسلىقى ئەرەب دۇنياسىدا كۈچلىنىپ بېرىۋاتقان ئىران تەھدىتى قارىشى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ سايىسىدا ئۆتتى.
ئەرەب دۆلەتلىرى، بىر تەرەپتىن، مىتچېلگە ئەرەب تىنچلىق پىلانىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى پائالىيەتلىرىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
لېكىن، بۇ ئۇچرىشىشلاردىن ئېنىق بىر نەتىجە چىقمىدى.
مىتچېلنىڭ زىيارىتى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ بولمىغاندىمۇ بۇش ھۆكۈمىتىچىلىك ئوتتۇرا شەرققە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
لېكىن، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇسلۇبىدا بۇرۇنقىسىغا قارىغاندا دىپلوماتىيە بەكرەك ئېغىر باستى.
شۇڭا، مىتچېلنىڭ رايوننى پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇرۇشىغا نورمال بىر ئىش سۈپىتىدە قاراش كېرەك.

*****************************

没有评论:

发表评论