2009年4月20日星期一

Türkiyening tunji «güzellik melikisi»



1929-yili 2-sintebir küni ötküzülgen musabiqide bahalash hey'iti, ilgiriki xelq teripidin bérilgen awaz bérishte 721 awazgha ériship 11-bolghan «ottura boyluq, budur chachliq, altun közlük, aq tenlik, ewrishim bellik, güzel ruxsariliq ap'aq tawardin tikilgen kiyim kiyiwalghan feriha tewfiqni birinchilikke tallidi.





تۈركىيىنىڭ تۇنجى «گۈزەللىك مەلىكىسى»-فەرىھا تەۋفىق



(16-04-2009) تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:

بۈگۈن سىلەرگە تۈركىيىنىڭ تۇنجى گۈزەللىك مەلىكىسى فەرىھا تەۋفىق ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
فەرىھا تەۋفىق-تۈركىيەنىڭ تۇنجى گۈزەللىك مەلىكىسى بولۇپ، 1910-يىلى تۇغۇلغان.
ئۇ، 1929-يىلى «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە «گۈزەللىك مەلىكىسى» بولۇپ تاللانغان.

تۈركىيەنىڭ تۇنجى گۈزەللىك مەلىكىسى مۇسابىقىسى 1926-يىلى «يىپەك فىلىم شىركىتى» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.
بىراق، جىددىي ۋە تەرتىپلىك بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.

ھۆكۈمەت، 1929-يىلى تۈركىيىنىڭ ئەڭ گۈزەل مەلىكىسىنى تاللاشقا قايتىدىن تۇتۇش قىلىدۇ.
ھەتتا ئاتاتۈركنىڭ بۇ مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن قارار چىقارغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ۋاستىچىلىك قىلىدىغان ئورگان بولسا جۇمھۇرىيەت گېزىتى بولىدۇ.

بۇ مۇسابىقىنىڭ ھېكايىسى 1929-يىلى 4-فېۋرال كۈنىدىكى ئېلان ئارقىلىق باشلاندى.
ئېلاندا مۇنداق دېيىلەتتى:
«پۈتكۈل دۇنيادا چىرايلىق ئاياللار تاللىنىپ، دۆلەتلىك گۈزەللىك مەلىكىسى قىلىپ بېكىتىپ چىقىلىۋاتقان يەردە، بىزنىڭمۇ گۈزەللىك مەلىكىمىز نېمىشقا بولمىسۇن؟ ئەجىبا تۈركىيىنىڭ ئەڭ چىرايلىق ساھىبجامال گۈزەل مەلىكىسى زادى كىمدۇ؟»

ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بۇنىڭ سىرى جۇمھۇرىيەت گېزىتىدە يېشىلدى:
«تۈركىيىنىڭ گۈزەللىك مەلىكىسىنى تېپىپ چىقىشقا قارار قىلدۇق. 16-ياشتىن 25-ياشقىچە بولغان ئاياللار ئارىسىدا ناھايىتى مۇھىم ۋە جىددىي مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ»

بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ خوجايىنى ۋە باش مۇھەررىرى يۇنۇس نادى ئۆزىنىڭ ستۇنىنى بۇ مەسىلىگە ئاجرىتىدۇ، ھەمدە گۈزەللەرنىڭ ئىچ كۇسىرى بىلەنلا باھالاش ھەيتىئىتىنىڭ ئالدىغا چىقىدىغانلىقى، بۇنىڭ بولسا بۇنى «غەيرىي ئەخلاقىي» دەپ تەنقىد قىلغۇچىلارغىمۇ بىر جاۋاب بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

تۇنجى فوتۇ-سۈرەت 7-مارت كۈنى ئېلان قىلىندى. نامزات فوتو-سۈرەتلەر دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىنمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى. فوتو-سۈرەتلەر بىلەن بىرگە يەنە يېزىقچىلىق ستۇنى مۇسابىقىسىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە بارغانسىرى كېڭەيدى.
بىر ئايال يازغۇچى مۇنداق يازدى: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى چۈشەنمەيدۇ»

مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قېتىملىق شاللىنىشى خەلق تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى.
125 نەپەر گۈزەللىك مەلىكىسىنىڭ فوتو-سۈرەتلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى 1929-يىلى 21-ئىيۇن كۈنى تاماملاندى ۋە ئەمدى نۆۋەت ئوقۇغۇرمەنلەرنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە كەلدى.
خەلق، باھالاش ھەيئىتى ئۈچۈن 48 نەپەر مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىنى تاللىدى ۋە 1-ئىيۇندا ئېلان قىلىنغان مۇسابىقە نەتىجىسىگە كۆرە، خەلق تەرىپىدىن بېرىلگەن ئاۋازدا مۇئاللاھ سۇزان 1121 ئاۋاز بىلەن بىرىنچى بولۇپ تاللاندى.

«جۇمھۇرىيەت گېزىتى» 400 دىن كۆپرەك ئاۋازغا ئېرىشكەن 48 نەپەر قاتناشقۇچىنىڭ باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئالدىغا چىقىش قارارى ئالدى. مۇسابىقە «جۇمھۇرىيەت گېزىتى» بىناسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئۆتكۈزۈلدى.

1929-يىلى 2-سىنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە باھالاش ھەيئىتى، ئىلگىرىكى خەلق تەرىپىدىن بېرىلگەن ئاۋاز بېرىشتە 721 ئاۋازغا ئېرىشىپ 11-بولغان «ئوتتۇرا بويلۇق، بۇدۇر چاچلىق، ئالتۇن كۆزلۈك، ئاق تەنلىك، ئەۋرىشىم بەللىك، گۈزەل رۇخسارىلىق ئاپئاق تاۋاردىن تىكىلگەن كىيىم كىيىۋالغان فەرىھا تەۋفىقنى بىرىنچىلىككە تاللىدى.

سەمىنە نىھات خانىم ئىككىنچىلىككە، 1926-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەللىك مەلىكىسى مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان ماتمازال ئاراقسى بولسا ئۈچۈنچىلىككە تاللاندى.

تۈركىيىنىڭ تۇنجى «گۈزەللىك مەلىكىسى» بولۇپ تاللىنىشى- تەبىئي رەۋىشتە فەرىھا تەۋفىقنىڭ ھاياتىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.

«گۈزەللىك مەلىكىسى» بولۇپ تاللانغاندىن كېيىن ھەر خىل فىلىملەردە رول ئالغان فەرىھا تەۋفىق، كېيىنچە تىياتىرلاردىمۇ رول ئالدى.
1988-يىلى گۆكخان ئاقچۇرا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە فەرىھا تەۋفىق، كىنوغا كىچىگىدىن تارتىپلا تولىمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ يىللاردا ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئارتىسلار رۇدولپى ۋالېنتىنو بىلەن ۋىىلما بانكە ئىكەن.

فەرىھا تەۋفىق كىنو ئارتىسلىق ھاياتىنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«گۈزەللىك مەلىكىسى مۇسابىقىسى ئۈچۈن گېزىتتە بۇرۇن فوتو-سۈرەتلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ فوتو-سۈرەتلەر ئىپەكچى قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقانىكەن. بىر كۈنى ئىپەكچى قېرىنداشلار بىلەن مۇھسىن ئەرتۇغرۇل بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، ئانامدىن مېنىڭ «ئەتكەسچىلەر» فىلىمىدە رول ئېلىشىمنى تەلەپ قىلدى. بىزمۇ ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلدۇق»

فەرىھا تەۋفىق، تىياتىر سەھنىسى بىلەنمۇ مۇھسىن ئەرتۇغرۇلنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق تونۇشتى ۋە نۇرغۇنلىغان ئوپېرا ۋە كومېدىيەلەردە رول ئالدى.
فەرىھا تەۋفىق 1939-يىلى ئەنقەرە شەھەرلىك تىياتىر ئۆمىكىدە بىرقانچە ئويۇندا رول ئالغاندىن كېيىن، پەردە ۋە سەھنىلەردىن تامامەن ئايرىلدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر قېتىممۇ سەھنىگە چىقىپ باقمىدى.
بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ مۇنۇ بايانلىرىدا ساقلانغان:
«دۆلىتىمگە سەھنىگە چىقىش ئارقىلىق مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغانلىقىمنى ئويلايتتىم. بىراق، دارۇلبەدايىن (سەنئەت جەمئىيىتى) نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن يۈرىگىم ئېغىپ، تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتىم. مەن بۇ ئۈمىدسىزلىككە قانچە يىلدىن بېرى سەۋر-تاقەت قىلالىغان بولسام، بۇمۇ مېنىڭ روھى دۇنيايىمغا سەنئەت سۆيگۈسىنىڭ چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى. شۇنچىلىك پىداكارلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى ھېچقاچان ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ھېچ قوللاشقا ئېرىشەلمىدىم»

فەرىھا تەۋفىق رول ئالغان فىلىملەردىن بىرى مۇھسىن ئەرتۇغرۇلنىڭ رىژىسسسورلىقىدىكى 1935-يىلى ئىشلەنگەن «ئايشەل باتاقلى دامنىڭ قىزى» ۋە 1939-يىلى ئىشلەنگەن پوسپۇر بوغۇزىدا ياشايدىغان ناھايىتى باي بىر ئائىلىنىڭ سەرگۈزەشتىسى بايان قىلىنغان «ئاللاھنىڭ جەننىتى» ناملىق فىلىملەردۇر.

فەرىھا تەۋفىق 3 قېتىم ياتلىق بولغان بولۇپ، 1991-يىلى 22-ئاپرىل كۈنى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋېدالاشتى. تۈركىيىنىڭ تۇنجى گۈزەللىك مەلىكىسى فەرىھا تەۋفىقنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىشى بىلەن تۈركىيە يەنە بىر سەنئەت چولپىنىدىن ئايرىلىپ قالدى.

&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论