2009年4月25日星期六

Din we dunya (3)



ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈش توغرىسىدا


(23-04-2009)تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ ھەپتىلىك «دىن ۋە دۇنيا» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ بۇ بۆلۈمىدە «ئىماننىڭ پرىنسىپلىرىدىن-ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈش» تېمىسى ئاستىدا ھازىرلانغان مەخسۇس پروگراممىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

ئىنساندىكى ياشاش ئارزۇسى، ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا مەۋجۇت بولغان تەبىئىي بىر خىل تۇيغۇدۇر.
ئىنسان يالغۇز روھى جەھەتتىنلا ئەمەس، ئەينى زاماندا بىئولوگىيىلىك جەھەتتىنمۇ ئۆلۈمسىزلىكنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن، ھەر بىر ئىنساننىڭ مۇئەييەن بىر مۇددەت ياشىغاندىن كېيىن، ئۆلۈمنىڭ تەمىنى چوقۇم تېتىيدىغانلىقى، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر خىل قىسمەتتۇر.
بۇ دائىرىدە ئىنسان، ئىز-ئەسەرلىرى، قىلغان-ئەتكەنلىرى بىلەن، باشقىلارنىڭ ياخشىلىق ۋە خوشاللىقلىرىغا ھەسسە قوشۇش ۋە ئارقىسىدا «ياخشى نام قالدۇرۇش»نى خالايدۇ.

ئەبەدىي داۋاملىشىدىغان بىر ھايات چۈشەنچىسىنىڭ ئورنىغا، ھاياتنىڭ ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان بىر نۇقتىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى چۈشەنچىسى، ئىنساننى يېتەرلىك دەرىجىدە بىئارام قىلىدۇ. بەلكى بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئىنساندا پەيدا بولغان ئۆلۈمسىزلىك ئارزۇسى، بىر مەنىدە ئۇنىڭدا ئەبەدىي ھايات چۈشەنچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
(يۇقىرىدىكى مەلۇماتلار مەھمەت ئايدىننىڭ «دىن پەلسەپىسى» ناملىق كىتابىنىڭ 190-191-بەتلىرىدىن ئېلىندى)

ئىنساننىڭ روھ ۋە بەدەندىن شەكىللەنگەن بىر مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكى ھەمىشە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. بۇ سەۋەپلىك، ئىنساننىڭ ئېھتىياجلىرىمۇ ئىككى تەرەپتىن قامدىلىشى لازىم. ئېھتىياجلىرىنىڭ بىر تەرەپتىنلا تەمىن ئېتىلىشى، ئۇنى مۇشكۈلاتلارغا دۇچار قىلماقتا، خۇسۇسەن روھىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق بىر خاتىرجەمسىزلىك، ئۇنى توراقسىزلىققا ۋە ئۈمىدسىزلىككە دۇچار قىلماقتا. ئىنسان بەزىدە ئۇ قەدەر يۈكسەك قاراش ۋە ئىدىيىلەرنىڭ ئارقىسىدىن چاپىدۇكى، بۇلارنىڭ رېئاللىققا ئايلانماي قېلىش ئەندىشىسىمۇ ئۇنى بىئاراملىققا دۇچار قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئىنسان ھەممە جەھەتتىن، بولۇپمۇ روھىي جەھەتتىن خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدىغان نۇقتىنى سېغىنىدۇ.

يەر يۈزىدە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ ياشايدىغانلىقى ۋە بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس قاراشلىرىنىڭ بارلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قانچىلىك ئىنسان بولسا، ئۇ قەدەر چۈشەنچە شەكلى بار، دېيىشىمىز مۇمكىن. بۇ قاراشلارنىڭ بىر قىسمى بىر-بىرىگە ئوخشىسا، يەنە بىر قىسمى بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشىدۇر. كۆپىنچە كىشىلەر ئۆز پىكرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا سەمىمىي ھالدا ئىشىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى بولغان پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى توغرا، دەپ قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا ھەقىقەتنىڭ ئىنتايىن روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى، پۈتۈن سىرلارنىڭ نامايان بولىدىغانلىقى ۋە ھەممە تەرىپىدىن چۈشىنىلىپ قوبۇل قىلىنىدىغان بىر كۈننىڭ بارلىقى چۈشەنچىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئىنسان دۇنيادا ياشىغان مۇددەت ئىچىدە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ. قىلغان ئىشلىرىنىڭ مېۋىسىنى تولۇق شەكىلدە كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. روياپقا چىقارغان ئەسەرلىرىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرگىنىدە خوشال بولىدۇ، ياخشىلىقلىرىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرەلمىگەن چاغلىرىدا بولسا، ئۈمىدسىزلىنىدۇ. پات - پات باشقىلار دۈچ كەلگەن ناھەقچىلىكلەرگىمۇ شاھىت بولىدىغان ئىنسان، قىلغانلىرىنىڭ مېۋىسىنى تولۇق شەكىلدە كۆرەلەيدىغان بىر كۈننىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ.
(تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى» 1988-يىل، 1/545-بەت)

ئاخىرەت ھاياتىنىڭ بارلىقى ۋە ھەقىقەتلىكى توغرىسىدا ھەم ئىنساننىڭ پىسخىك قۇرۇلمىسىدا، ھەمدە سىرتقى دۇنيادا كۆپلىگەن پاكىتلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا بۇنى ئىنكار قىلالايدىغان ئىنسانلارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم» بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە روشەن يىپ ئۇچلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ.

ئىنكار قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بېشىدا دۇنيا سۆيگۈسى كېلىدۇ.مەڭگۈلۈك دۇنيانىڭ نېمەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، تولىمۇ ئەرزىمەس ۋە ئۆتكۈنچى بولغان دۇنيا نېمەتلىرىنى ئىنسان ئۈچۈن بۇ قەدەر جەلپكار قىلغان ئامىل، دۇنيا نېمەتلىرىنىڭ تىزلا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان بولۇشىدۇر. ھالبۇكى، دۇنيا ھاياتىدا ئۇچراتقان، ھازىر تۇرغان ياكى تىرىشىپ تىرمىشىپ قولغا كەلتۈرگەن بۇ نېمەتلەر، كونكرېت شەكىلدە ئىنساننىڭ ئالدىدا تۇرماقتا ۋە ئۇنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. بۇ جەلىپكارلىققا ئۆزىنى ئاتقان ئىنسان، دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئەۋزەل دەپ قارىماقتا.

بۇ خىل ئىنسانلار «قۇرئان» كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
«ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەت مۇكاپاتىنى يالغان چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىلىرى ئېيتتى: ‹بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر. ئۇ سىلەرنى سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغاندىن كېيىن تىرىلىسىلەر دەپ ئاگاھلاندۇرامدۇ؟. سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر. بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرىمىز)، بىز قايتا تىرىلمەيمىز. ئۇ پەقەت ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەملەردۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز›»
(مۆمىنۇن سۈرىسى، 33- ئايەتتىن 38- ئايەتكىچە)

«قۇرئان كەرىم» ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ قايىل قىلارلىق ھېچقانداق بىر پاكىتىنىڭ يوقلىقىنى، بۇ ھەقتىكى دەۋالىرىنىڭ بىر خىيالدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى مونو شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ:

«ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن. ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت»
(نەجم سۈرىسى، 28- ئايەتتىن 30- ئايەتكىچە)

«قۇرئان كەرىم»دە ئاخىرەت ھاياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، مۇكاپاتىنىڭ تېخىمۇ بۈيۈك ئىكەنلىكى كۆپلىگەن ئايەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دۇنيا ھاياتىنىڭ ئۆتكۈنچى ۋە ئويۇندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئىنسانغا ئەبەدىي ۋە تېخىمۇ خەيىرلىك بولغىنىنى تاللىشى كېرەكلىكىنى خاتىرلىتىدۇ. بۇ بولسا، دۇنيادىن قول - پېشىنى تارتىش ۋە دەرۋىشلەرچە ھايات كەچۈرۈش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئاخىرەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، دۇنيادا ئىلاھىي ۋەھيىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە مۇۋاپىق ھالدا ياشاش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ.

بۇ نۇقتىغا مۇناسىۋەتلىك «قۇرئانى كەرىم»نىڭ بەزى ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈشنى پايدىلىق دەپ قارايمەن.
ئاخىرەت بىلەن سېلىشتۇرۇلغان دۇنيا ھاياتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
«دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن، غەپلەتتىنلا ئىبارەت، تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟»
(ئەنئام سۈرىسى، 32-ئايەت)

دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ھاياتى سېلىشتۇرۇلغان بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى ئەلۋەتتە (بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ئارتۇقتۇر»
(يۇسۇف سۈرىسى، 57-ئايەت)

دۇنيادا ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ھاياتلىرىنى تەسۋىرلىگەن ئايەتلەردە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«تەقۋادارلارغا: ‹پەرۋەردىگارىڭلار (پەيغەمبىرىگە) نېمىلەرنى نازىل قىلدى؟› دېيىلسە، ئۇلار: ‹ياخشى سۆزلەرنى نازىل قىلدى› دېيىشىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بۇ دۇنيادا مۇكاپاتلىنىدۇ، ئاخىرەت يۇرتى (ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ) ياخشىدۇر. تەقۋادارلارنىڭ يۇرتى راستلا نېمىدېگەن گۈزەل! ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدنى جەننەتلىرىگە كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆڭلى خالىغان نەرسىلەر تېپىلىدۇ»
(نەھل سۈرىسى، 30-، 31-ئايەتلەر)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئېتىزلىقىدۇر» دېگەن سۆزىمۇ، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ھاياتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەڭ قىسقا شەكلىدە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.

&&&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论